<< سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز !>> باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھرىمىز بارلىقىنى ئىيتىشنى مۇۋاپىق تاپمىدۇق .كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغلۇم ئەقلىگە تولۇپ ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگۈدەك بولغاندا ، ئۇنىڭغا ئىيتىمەن . مەن شۇنداق دەيمەن :
مەن سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، نەگە بارىدىغانلىقىڭنى ، كىم بىلەن بارىدىغانلىقىڭنى ، قاچان قايتىپ كىلىدىغانلىقىڭنى سورىدىم .
ئىز تورى بەك ياخشى
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ئۆزۈڭ پۇل تىپىپ ۋىلسىپىت ئال ، دىدىم .گەرچە ئۇنى ئىلىپ بىرىشكە قۇربىمىز يەتسىمۇ .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ھامان سۈكۈت قىلىپ ،ئوننىڭ ئىچىدە بىر دەپ تاللىغان دوستۇڭنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى خەتەرلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۆزۈڭگە بايقاتقۇزدۇم .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، بىر چىشلەم يەۋالغان شاكلاتنى دۇككان خوجايىنىغا قايتۇرۇپ بەرگۈزدۇم ھەم ئۇنى ئوغۇرلىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلدۇردۇم .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ھوجرىنى تازلاشنى ساڭا بۇيرۇپ ، مۇشۇ ئىشقا ئىككى سائەت ۋاختىڭنى ئالدىم ، گەرچە بۇ مەن ئۈچۈن بەش مىنۇتلۇق ئىش بولسىمۇ . www.iz.la
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، كۆزۈمدىكى خاپىلىق ، ئۈمىدسىزلىك نەپرەت ۋە ياش تامچىلىرىنى كۆرسۇن ، دىدىم .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، باشقىلارغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىڭ ۋە باشقا بولمىغىر ئىشلىرىڭنى ئاقلىشىڭغا يول قويمىدىم .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، << باشقىلارنىڭ ئاپىسى ئۇنداق دەيدىكەن ، مۇنداق ياخشىكەن >> دىگەندەك گەپلىرىڭدىن ئاغرىنمىدىم .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، تەمتىلەپ مىڭىشنى ئۈگەتتىم ، يىقىلىشنى ،يارلىنىشنى ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تىتىتقۇزدۇم .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ئالتە يىشىڭدىن تارتىپلا ئۆزۈڭ قىلغان ئىشقا ئۆزۈڭ مەسئۇل بولىشىڭ كىرەك ، دىدىم .
ئىز تورى www.iz.la
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، تىزىمدىن چۈشۈرىۋىلىپ قولۇڭنى قويىۋەتتىم ... چىر - چىر يىغلاشلىرىڭنى ئاڭلىماسلىققا سالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۆزۈڭ ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ھازىرقى يۈرۈش - تۇرشۇڭغا يول قويىۋاتىمەن ، گەرچە مىنىڭ كۈتكىنىم بۇ بولمىسىمۇ .
سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، شۆھرەت پەرەسلىك قىلىشىڭغا يول قويمىدىم ، بىلىپ تۇرۇپتىمەن بۇنىڭدىن سەن مەندىن خاپا .