جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئىيۇن خەۋىرى: سومالى ئاخبارات مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇل فاتاخ ئابىدنۇر 10-ئىيۇن ئىسپاتلىشىچە، سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرى ئابدۇشۈكۈر شەيىخ ھەسەن سومالى پايتەختى موقدىشۇدىكى تۇرالغۇسىدا 10-ئىيۇن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغۇچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، شەيىخ ھەسەن ئېغىر يارىدار بولۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، باشقا يەنە كۆپلىگەن ئادەملەر يارىدار بولغان.
سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى 10-ئىيۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېيىشىچە، شۇ كۈنى بىر ھۇجۇم قىلغۇچى ئايال تۇيۇقسىز شەيىخ ھەسەننىڭ تۇرالغۇسىغا ئۈسۈپ كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولغان. بۇ ئايال كېيىن يېنىدىكى پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى پارتلىتىپ، شەيىخ ھەسەن ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرى، كۆپلىگەن قوغدىغۇچىلىرىنى يارىدار قىلغان. يارىدارلار ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان، ئەمما شەيخ ھەسەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
سومالىدىكى ئاساسلىق ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات «ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى» بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!