شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جەنۋە، 7 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي مەھكىمىسى 7 – ئىيۇن سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئادرىئان ئېدۋارد جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش سۇداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئابيېي رايونى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋالابو ئىشتاتىدىكى 100 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ سەرسان بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. سۇداندا توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، قوراللىق توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ قېچىپ، سەرسان بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۈمكىن.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 22 – ماي بايانات ئېلان قىلىپ، سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئابيېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كونترول قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەم بۇ ھەرىكەت ‹‹<ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى>گە ئېغىر خىلاپ››، دېگەنىدى .