جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئاپرېل خەۋىرى: مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بايىنغولىن ئوبلاستى خوتۇنسۇمۇل (和静) ناھىيىسى ئايروپىلاننى ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئول ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابىدىن ئىگەللىشىچە، يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان تېخىچە بايقالمىغان، نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھەر خىل يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بىر مۇھىم گۇمانلىق جاينى بايقىغان.
3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14:44 ئۆتكەندە، كورلا ئايرودرومىدىن ئۇچقان جوڭفېي (中飞) ئاممىباب ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ 7026 نومۇرلۇق ئايروپىلانى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى خوتۇنسۇمۇل ناھىيىسىدىكى تاغلىق رايوندا ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، ئەسلى پىلاندا سائەت 18 دە قايتىش بولۇپ، سائەت 17:45 ئەتراپىدا ئايرودروم بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ئايروپىلاندا 3 ئادەم بار ئىكەن.
ئايروپىلان يوقاپ كەتكەنلىك دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت تېزلىكتە جىدىي تاقابىل تۇرۇش لاھىيىسى تۈزۈپ، ئوبلاستلىق رەھبەرلىكىدىكى ئالدىنقى سەپ قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش شىتابى قۇرغان. جامائەت خەۋىپسىزلىك، خەلق ئەسكەرلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىملاردىن تەركىب تاپقان قۇتقۇزۇش ئەترىتى 4 يولغا بۆلۈنۈپ يەر يۈزىدىن ئاختۇرۇشنى قانات يايدۇرغان.
خوتۇنسۇمۇل ناھىيە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابىنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە 400 نەپەر چارۋىچى ۋە 3 ئايروپىلان قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېكىلوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورگىنى بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتىپ تەكشۈرگەن.
نۆۋەتتە، گېئولوگىيە خىزمەت ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەھلىلى ۋە يەرلىك چارۋىچىلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، خوتۇنسۇمۇل ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4800 مېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق گۇمانلىق ئاختۇرۇش نۇقتىسى دەپ جەزىملەشتۈرۈلگەن، بۇ جاينى نۇقتىلىق ئاختۇرىدىكەن.