ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

فۇكۇشىما 1–يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئېقىپ چىققان يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى رادىئوئاكتىۋلىق بۇلغانغان سۇ تىزگىنلەندى

2011-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     فۇكۇشىما 1–يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن سۈرەت      جۇڭگو ئاخبارات تورى 6–ئاپرېل تېلېگراممىسى : ياپونىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 6–ئاپرېل ، توكيو ئېلېكتىر شىركىتى فۇكۇشىما 1–يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئېقىپ چىققان يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى رادىئوئاكتىۋلىق بۇلغانغان سۇنى تىزگىنلىگەن .

   ئىگىلىنىشىچە ، 5–ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، توكيو ئېلېكتىر شىركىتى 2–نومۇرلۇق ئازگالغا ئۇلانغان تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئەتراپىغا ئالاھىدە خىمىيەلىك دورا كىرگۈزۈپ ، يۇقىرى رادىياتسىيەلىك سۇنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلىگەن .

  2–ئاپرېل ، فۇكۇشىما 1–يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئېقىپ چىققان تەركىبىدە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى رادىئوئاكتىۋ ماددا بولغان سۇ 2–نومۇرلۇق ئازگالدىن دېڭىزغا قاراپ ئاققان ، توكيو ئېلېكتىر شىركىتى 2–نومۇرلۇق ئازگالغا سېمونت قۇيۇش ۋە ئازگالغا ئۇلانغان تۇرۇبا لىنىيەسىگە سۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن كېڭىيىدىغان ، نەملىكنى تارتىدىغان پولىمېرنى سېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان .

   2–نومۇرلۇق گېنىراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پىرقىرىغۇچ كومپىيۇتېر ئۆيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيى قاتارلىق جايلاردا تەركىبىدە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى رادىئوئاكتىۋ ماددا بولغان سۇ بايقالغانلىقتىن ، توكيو ئېلېكتىر شىركىتى بۇ يۇقىرى رادىياتسىيەلىك سۇنى يېتەرلىك بوشلۇققا قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، 4–ئاپرېل كەچتىن باشلاپ ‹‹ تاشلىۋېتىلگەن ماددىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى ›› نىڭ ئىچىدىكى تۆۋەن رادىياتسىيەلىك سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بەرگەن .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!