ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى ، فوتوسى :31–مارت ، كۇچا ناھىيە خانقىتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ‹‹نۇرنىسا دوختۇر قىزلار ئوقۇش مۇكاپات فوندى››نىڭ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ، دەرستە ياخشى 30 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئۈچ دەرىجە بويىچە 5000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى .
مۇراسىمدا ، نۇرنىسا دوختۇر خانقىتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم ھەمدۇل بىلەن يىلدا 5000 يۈەندىن بەش يىلدا 25 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ، قىزلار ئوقۇش مۇكاپات فوندى تەسىس قىلىش توغرىسىدا توختام ئىمزالاشتى .
نۇرنىسا توختى ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا 22 يىل ئىشلەپ ، 2008–يىلى يانۋاردا پېنسىيەگە چىقاندىن كېيىن ، خانقىتام يېزا بازىرىدا ‹‹ئەل شىپا ئۇيغۇر تىبابەت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى›› ئېچىپ ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان تۆت نەپەر قىزنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىپ ، كەڭ دېھقان–چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى . ئۇ تىجارەتتە روناق تېپىپ ، قولى پۇل كۆرگەندە مائارىپنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللاش ئۈچۈن ‹‹قىزلار ئوقۇش مۇكاپات فوندى›› تەسىس قىلدى .
يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم ھەمدۇل سۆز قىلماقتا
نۇرنىسا دوختۇر سۆز قىلماقتا
نۇرنىسا دوختۇر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بىلەن ‹‹قىزلار ئوقۇش مۇكاپات فوندى›› تەسىس قىلغانلىق توغرىسدا توختاملاشماقتا
ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىماقتا
نۇرنىسا دوختۇر مۇكاپاتلانغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە