جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : جۇڭگونىڭ نىيويوركتا تۇرۇشلۇق ساياھەت ئىش باشقارمىسى 2011–يىلى 4–ئايدىن 6–ئايغىچە داۋام قىلىدىغان ‹‹2011–يىللىق جۇڭگو مەدەنىيەت ساياھىتى››نىڭ تەشۋىقاتىنى باشلىغان بولۇپ ، جۇڭگونىڭ ساياھەت ئوبرازى بولغان سەددىچىن سېپىلى ۋە جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان 10 ئاممىۋى ئاپتوبۇس نىيويورك كوچىلىرىدا ئايلىنىپ ، نىيويورك شەھەر ئاھالىسى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرگە ‹‹جۇڭگو سىزنى قارشى ئالىدۇ›› دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزشكە باشلىدى .