سۈي يۈنيەن خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 2 – ئاپرېلدىن 4 – ئاپرېلغىچە قومۇل ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: قومۇل ۋىلايىتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش››نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىلمىي ھالقىش، باشلامچىلىق بىلەن يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
نۇر بەكرى قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدە كارخانا، بازار، يېزىلارغا بېرىپ، قۇمۇل 750 كىلوۋولتلىق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى، گۇاڭدۇڭ سانائەت باغچە رايونىنىڭ قۇمۇل كۆرگەزمە زالى، بارىكۆل كۆلياقا يېزىسىنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى نوم بازىرىنىڭ كىچىك بازار قۇرۇلۇشى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ گواڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇمۇل يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزى، قارادۆۋە يېزىسىنىڭ كىچىك بازار قۇرۇلۇشى ۋە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، ئاستانە بازىرىنىڭ 10 مىڭ مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە تەلەپ قويدى.
قۇمۇل 750 كىلوۋولتلىق تىرانسفورموتور پونكىتى، گۇاڭدۇڭ سانائەت باغچە رايونىنىڭ قۇمۇل كۆرگەزمە زالى، گواڭخۇي شىركىتىنىڭ قۇمۇل يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانى قاتارلىق جايلاردا، نۇر بەكرى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىللە ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىدىن پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنى ئورتاق بەھرلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، شىنجاڭدا مۇھىت ئاسراشنى ھەر ۋاقىت 1 – ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پەللىنى ئىگىلىشى، قارىغۇلارچە كىرگۈزۈپ، تەرتىپسىز ئېچىپ، ئېكولوگىيەنى بۇزىدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك. نۇر بەكرى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە يولغا قويۇلۇشىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن يۈزتۇرانە پاراڭلاشتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىگە ۋە ئۆزى يوقلاپ بارغان ئائىلىلەرگە ھال سوراش پۇلى بەردى. ئۇ كۆپچىلىكتىن سەمىمىيلىك بىلەن: ‹‹ئۆيۈڭلەرنىڭ كۆلىمى قانچىلىك؟ ئۆزۈڭلار قانچە پۇل چىقاردىڭلار؟››، ‹‹قىشتا پار ئىسسىدىمۇ؟››، ‹‹مۇنچا ئورناتتىڭلارمۇ؟›› دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى.
بارىكۆلدىكى ليۇ گۈيلىن ئەر – خوتۇن كۈنلۈك ئىجارە ھەققى ئارانلا بىر يۈەنلىك كاپالەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرىپتۇ، ‹‹7 – ماي›› ئىشچىسى ھېسابلىنىدىغان ليۇ گۈيلىن ئايدا 800 يۈەندىن كۆپرەك كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدىكەن. ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرىدىكى دېھقان رەن خۇڭيىڭ ئائىلىسى 100 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان يېڭى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپتۇ، بۇلتۇر ئۇلار 70 مودىن كۆپ يەرگە قوغۇن تېرىپ، 140 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىپتۇ. قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاستانە بازىرىدىكى قازاق چارۋىچى تۇرسىنەي باقىتيار بۇلتۇر 9 – ئايدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، ئىككى پارنىك سېلىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپتۇ. بۇلارنى كۆرگەن نۇر بەكرى تولىمۇ خۇشال بولدى، ئۇ نەق مەيداندىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئوبرازى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى چوقۇم كۆپرەك ئويلاپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا كۆپرەك ھۆرمەت قىلىپ، ئاۋامغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ بەخت يارىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاخىرلىشىدىغاندا، نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي ھالىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، قۇمۇلنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ھەممەيلەن پۇرسەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى چوقۇم يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي ھالقىش، باشلامچىلىق بىلەن يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ 1 – ۋەزىپىنى قىلچە تەۋرەنمەي ياخشى ئورۇنداپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالدىدا مېڭىشى؛ خەلق تۇرمۇشىنى مۇھىم بىلىپ، ئاممىنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كەم – كۈتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىشى؛ ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايلىقنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ قاتناش، سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشى؛ ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش، تىرىشچان بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشتەك يېڭى دەۋردىكى ‹‹شىنجاڭ روھى››نى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى، مۇھىت ئاسراس نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.