ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابلەت خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسى بادام كۆچىتى تىكىشنى نۆۋەتتىكى مەركىزى خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، مارتنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭىدىن 100مىڭ مو يەرگە 3 مىليون 300 مىڭ تۈپ بادام كۆچىتى تىكىپ، ناھىيە بويىچە بادام ئومۇمىي كۆلىمىنى 800 مىڭ موغا يەتكۈزدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى مىليون مولۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ‹‹دۇنيادا كەمدىن كەم، جۇڭگودا بىردىنبىر›› بولغان بادامچىلىق بازىسى بەرپا قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، بادامچلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بادامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەردى. بادام سورتى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، توققۇز يېزا–بازار ۋە بىر مەيداندا كۆچەتخانا قۇرۇپ، بادام كۆچىتىدە ئۆز–ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدىغان سەۋىيە ھازىرلىدى. ئۆتكەن يىلى قىشتىن بۇيان، يېزا–بازارلارنى بادام كۆچەتلىرىنى كۆمۈشكە تەشكىللەپ، كۆچەتخانىدىكى باداملارنىڭ قىشتىن ئامان–ئىسەن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. يۇقىرى–تۆۋەننىڭ ئەھمىيەت بېرىشى يىتەرلىك، تېخنىكىلىق تەلەپلەر جايىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكتىن ئۆتكەن يىلى يەكەن دېھقانلىرى بادامدىن 9140 توننا ھوسۇل ئېلىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى.
ھازىر، بۇ ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ يىل ئىچىدە 200 مىڭ مو ھوسۇللۇق باداملىق باغ، 200مىڭ مو سورتلۇق باداملىق باغ ئەھيا قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلىمەكتە.