ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بېيجىڭدا ‹‹قەشقەر جىلۋىسى››

2011-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
         ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۆھرەت نىجات خەۋىرى ، فوتوسى : 4–ئاپرېل ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت تەتقىقات ئىنىسنىتۇتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ، شىنجاڭلىق ياش رەسساملارنىڭ ‹‹قەشقەر جىلۋىسى›› تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹ يۈز يىل خاتىرىسى ›› زالىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلدى . ئېچىلىش مۇراسىمىغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ماي بوياق رەسىم ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى . 

   بۇ كۆرگەزمىگە قەشقەردىن كەلگەن ئېلى ياقۇپ ، مۇھەممەت ئېلى يۈسۈپ ، ئىلھام ئابلەت قاتارلىق ئۈچ ياش رەسسامنىڭ 43 پارچە ماي بوياق ئەسىرى  قويۇلدى . بۇ ئۈچ رەسسام ئەل ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرمۇش ئىگىلەپ ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرىنى چوڭقۇر كۈزەتكەن ، ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى مول ، ئاساسلىق قەشقەرنىڭ كونا ئولتۇراق رايونى ، مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرى ، توغراق ، چۆل–باياۋان ، قايناق بازار ۋە تۇرمۇشتىكى كىشىلەر قاتارلىقلارنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ ، كۈچلۈك تۇرمۇش پۇرىقى ۋە سەنئەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان .

    ئىگىلىنىشىچە ، بۇ شىنجاڭلىق ماي بوياق رەسساملارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن . بۇ كۆرگەزمە قەشقەرنىڭ تەسىر كۈچىنى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي ، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەتتىكى ئىجادىيەت كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، مەملىكەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقايسى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، ئۆز ئارا ئۆگىنىشى ، بىر–بىرىنى ئۈلگە قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن .

    كۆرگەزمە 4–ئاپرېلدىن 6–ئاپرېلغىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن .

   
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!