تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، ‹‹ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قۇرۇلۇشىدىكى 18 سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلانغانلىقى شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تارىخىدا شۈبھىسىزكى، تۇنجى قېتىملىق ئىش؛ پىلان ئىچىدىكى 27 سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يولغا قويۇلدى، بۇ تېز ھەرىكەت ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››غا كاتتا مەزمۇن ئاتا قىلدى.
ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، كىچىك سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلۇشىدا قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، مەشغۇلات ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، تەپەككۇردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدىكى يېڭى ئۈنۈمى، يېڭى قىياپىتى ۋە يېڭى روھى نامايان قىلىندى. مەزمۇنى مول بولۇپ، كىچىك سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەر يارىتىلدى.
كىچىك سۇ ئامبارلىرى شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.
ئۇزاقتىن بۇيان، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى قالاق بولغاچقا، شىنجاڭدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش يۈزەكى، تېيىز ھالەتتىلا توختاپ قالغانىدى. بىر تۈركۈم كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قۇرۇلۇشى بىلەن شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش تېخىمۇ ئىنچىكە، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق بولۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.
كىچىك سۇ ئامبارلىرى بىر – بىرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ھەل قىلىشنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرىنى ئاچتى.
چارۋىچىلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، سۇ، ئوت – چۆپ قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن جەبرى – جاپا تارتتى. ئوت – چۆپ ۋە سۇ مول بولمىغاچقا، مۇقىم ئولتۇراقلىشالمىدى. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شۈبھىسىزكى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم. مۇشۇ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سۇ ئارقىلىق يەرنى، يەر ئارقىلىق ئوت – چۆپنى، ئوت – چۆپ ئارقىلىق چارۋا مالنى، چارۋامال ئارقىلىق چارۋىچىلارنى مۇقىملاشتۇرغاندىلا، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ.
بۇ كىچىك سۇ ئامبارلىرىنى چوڭ كارخانىلار كارخانا نامى بىلەن ئاتاش يولى ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ياساپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك يېڭى قاراشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
ھەممىگە مەلۇم، شۇنچىۋالا كۆپ كىچىك سۇ ئامبىرىنى ياساش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەبلەغ جۇغلاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. شىنجاڭغا ياردەم بېرىلىۋاتقان پەيتتە، 21 چوڭ كارخانا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سۇ ئامبارلىرىغا كارخانىنىڭ نامىنى قويۇش شەكلىدە ھەقسىز ياردەم قىلدى. تارىخ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ھامىنى تېپىلىدۇ، مۇھىمى بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزگە، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىش – قوزغىتالماسلىقىمىزغا باغلىق.
كىچىك سۇ ئامبارلىرى ۋاقىتنى ساقلاپ تۇرماسلىقتەك تەخىرسىزلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەشغۇلات ئەندىزىسى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭى ھالەتنى گەۋدىلەندۈردى.
قىسقىغىنا توققۇز ئايدا، 2 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان ‹‹ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قۇرۇلۇشىدىكى 27 سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى باشلىنىپ، ئەمەلىي قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، بۇ، شۈبھىسىزكى، بىر مۆجىزە.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ مەيدان جەڭ ئەمدىلا باشلاندى. ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەپ، ئىنچىكە لايىھەلەپ، ئەستايىدىل قۇرۇلۇش قىلىپ، ‹‹ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى سۈپەتلىك، ياخشى قىلىپ، سۇ ئامبارلىرىدىن ئېقىپ چىققان ئۈنچە – مەرۋايىتتەك سۈپسۈزۈك سۇلار ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى ياخشىلاپ، ئوت – چۆپلەر بولۇق، سۈيى ئەلۋەك، جان – جانىۋارلار ئەركىن يايرايدىغان گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك.