ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قۇربانجان نىزامىدىن ، ئەخمەت قايىم خەۋىرى : شايار ناھىيەسى بۇ يىل چارۋىچىلارنىڭ قوتان قالدۇقىنى 279 مىڭ تۇياققا ، ئۆي قۇشلىرىنى 1 مىليون 450 دانىگە ، چارۋىچىلىقتىن قىلىنغان كىشى بېشى كىرىمىنى 836 يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى .
ئىگىلىشىمىزچە ، شايار ناھىيەسى بۇ يىل ‹‹چارۋىچىلىقتا ئۈنۈم ئاشۇرۇش ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش›› نىشانىنى چۆرىدەپ ، چارۋىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، چارۋا ، ئۆي قۇشلىرى نەسلىنى ياخشىلاش، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق قىلىش ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسى ۋە يەم–خەشەك قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ، چارۋىچىلىق خىزمىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.