شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ب د ت ، 5 ــ ئاپرېل تېلېگراممىسى : ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى خاك 4 ــ ئاپرېل مۇنداق دېدى: بۈگۈن كونگونىڭ پايتەختى كىنشاسادا ب د ت نىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى ، ۋەقەدە 32 ئادەم قازا قىلىپ ، بىر ئادەم يارلاندى.
ب د ت 1999 ــ يىلى كونگوغا تىنچلىق ساقلاش پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن ، 2010 ــ يىلى 1 ــ ئىيۇل بۇ ئۆمەكنىڭ نامىنى مۇقىملىق پەۋقۇلئاددە ئۆمىكىگە ئۆزگەرتكەن ، بۇ ئۆمەكتە ھازىر 22 ئادەم بار .