لى خۇي خەۋىرى: ئاپتونوم رايون 29 - مارت ئۆلچەش - سىزىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي، دۆلەت ئۆلچەش - سىزىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېيسېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم شىنجاڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش سۇپىسى سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سۇپىسىنى بىرلىكتە قوزغاتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹12 - بەش يىل›› دا جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، دۆلەت جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ شىنجاڭ تارماق نۇقتىسىنى ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئۇچۇر بازىسىنى قۇرۇپ، دۆلەت جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن باغلايدۇ.