ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

شىمالىي كورىيە غەرب شەرق دېڭىز ساھەسىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتى ھەركەتچانلىق مەشىقىنى كۈچەيتتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-ئاپرېل خەۋىرى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە 3-ئايدىن باشلاپ شەرق ۋە غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەربىي بازىلاردا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھەركەتچانلىق مەشىقىنى كۈچەيتكەن، جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائى
  

 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-ئاپرېل خەۋىرى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە 3-ئايدىن باشلاپ شەرق ۋە غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەربىي بازىلاردا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھەركەتچانلىق مەشىقىنى كۈچەيتكەن، جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرلىرى بۇنىڭغا قارىتا نازارەت قىلىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر بەرگۈچى خادىمى 6-ئاپرېل بىلدۈرىشىچە، شىمالىي كورىيە شەرقىي قىسىم ۋە غەربىي قىسىم دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەربىي بازىلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5~6 دانە سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىشقا سېلىپ، ھەركەتچانلىق مەشىقى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. 3-ئايدا سۇ ئاستى پاراخوتىنى مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشى ئالاھىدە بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەركىتىنى قاتتىق كۆزىتىۋېتىپتۇ.
شىمالىي كورىيە ئەسلىدە 35 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى Shark دەرىجىسىدىكى سۇ ئاستى پاراخوت ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئەمما يېقىندا ئۇزۇنلىقى 40 مېتىر كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى Shark دەرىجىسىدىكى(K-300) سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئۇرۇش قىلىش ئورۇنلاشتۇرىشى ئېلىپ بارغان.
ئۇچۇر بەرگۈچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، شىمالىي كورىيە شىمالىي چېگرا سىزىقىغا يېقىن دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان يېڭى تىپتىكى ئاكۇلا (Shark) دەرىجىسىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتىنى مەشىققە سېلىشى ئېھتىمال سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم ۋانجىن 5-ئاپرېل پارلامېنتتا، جەنۇب شىمال كورىيەلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى ئالاھىدە كومىتىتىدا دوكلات بېرىپ، شىمالىي كورىيە مۇز ئېرىش مەزگىلىدە شەرق، غەرب دېڭىز ساھەسىدە سىڭىپ كىرىش مەشىقىنى باشلىدى دېگەن. ئەمما ئۇ سىڭىپ كىرىش كۈچلىرىنىڭ كونكرېت قايسى ئەسكىرىي كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دېمىگەن. جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى مانىۋېر ئۆتكۈزدى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر