ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاپتونوم رايون مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ، مەركەز كارخانىلىرىدىن 6–تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    جى جۇ خەۋىرى : ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نازارەت، ئىدارىلىرىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرلار، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار ھەم دۆلەتنىڭ 12 تايانچ كارخانىسىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار يېقىندا بىر يەرگە يىغىلىپ، ‹‹ئىككى يىغىن›› روھى ۋە ‹‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش چارىسى››نى مەركەزلىك ئۆگەندى ھەم مۇھاكىمە قىلدى.

    مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن 6 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 323 كادىر 2008 – يىلىدىن بۇيان مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە، شىنجاڭنىڭ سىياسەت، تۈر ۋە مەبلەغ مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. 2010 – يىلى مەركەزدىكى بۆلۈم، مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگەن ياردەم مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى، 2020 – يىلىغىچە سېلىنما، ياردەم مەبلىغى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 345 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭدىن ياردەمگە كەلگەن كادىر ما رۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈچ يىل ئىشلەش جەريانىدا ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقۇچى، ۋاكالەتچى، ئىشتىراكچى بولدۇق، بۇ تۈركۈمدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىمىز ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن!››.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!