ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكىنى چارلاپ تەكشۈرۈش باشلاندى

2011-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    تاڭ لياڭ خەۋىرى : قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بارىكۆل ناھىيەسىدىكى سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكىنى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى 25 – مارت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ 161 – ئەترىتى ئۈستىگە ئالغان، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈرلۈكنى گېئولوگىيەلىك چارلاش تۈرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    بۇ قېتىمقى چارلاش تۈرىنىڭ ۋەزىپىسى 2009 – يىلى سەنتاڭخۇدا تەكشۈرۈپ مۆلچەرلەنگەن 55 مىليارد توننىلىق كۆمۈر زاپىسى ئاساسىدا، 4707 كىۋادرات كىلومېتىر رايوندا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە قىسمەن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ، بۇرغىلاش خىزمەت مىقدارىنى 340 مىڭ مېتىرغا يەتكۈزۈپ، 2012 – يىلى ئىيۇندىن بۇرۇن دوكلات تاپشۇرۇش، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!