ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا كەسكىن توقۇنۇشتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   

    شىنخۇا تورى لىۋىيە پرېك كاك 5–ئاپرېل تېلېگراممىسى : لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر 5–ئاپرېل لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى پرېك كاكتا توقۇنۇشقان ، ش ئا ئە ت جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە تەڭ كېلەلمەي چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان .

    5–ئاپرېل ، مۇخبىر پرېك كاك شەھىرىگە 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا ، ئۆكتىچىلەرنىڭ زەمبىرەك ، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان پىلموتلارنى مۇداپىئە رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يەر–يەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تانكا بىلەن ئۆكتىچىلەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆ‍رگەن .

    بىر قوراللىق خادىم يەنە مۇنداق دېگەن : ‹‹ ش ئا ئە ت ئارمىيەسى كازافىينىڭ ئالدىنقى سەپتىكى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلمىغىلى ئىككى كۈن بولدى ، بىزنىڭ ئىككى ئادىمىمىز تۆنۈگۈنكى جەڭدە قازا قىلدى ، بۈگۈن بىز كازافىي ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چېكىنىشكە مەجبۇر بولدۇق ›› .

     پرېك كاك لىۋىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىدا ئىكەن . ئالدىنقى ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر قوراللىق قىسمى توقۇنۇشقاندىن كېيىن ، بېنغازى بىلەن قوشىنا يەنە بىر نېفىت شەھىرى رەئىس لانۇفمۇ تېزلا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن .

     يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا ، ش ئا ئە ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئەمەلدارى 5–ئاپرېل مۇنداق دېگەن : ‹‹ 19–مارت ، لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان ، كازافىينىڭ %30 ھەربىي كۈچى ئاللىقاچان ۋەيران بولدى . لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش ، قورال ئىشلىتىش–ئىشلەتمەسلىك ، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش ۋە كازافىينىڭ قۇرۇقلۇق قىسمىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ش ئا ئە ت بەلگىلەۋاتىدۇ . ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان دۆلەتلەر لىۋىيەنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ ، بىراق بۇ ئىشنى ش ئا ئە ت بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىش كېرەك .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!