جۇڭگو ئاخبارات تورى 5–ئاپرېل تېلېگراممىسى : شياڭگاڭدا چىقىدىغان ‹‹ يۇلتۇز ئارال گېزىتى ›› نىڭ 5–ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن تەجرىبە ۋە تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ، ئۇلار تەجرىبىخانىدا ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تۇنجى بولۇپ يېتىشتۈرۈپ چىققان . بۇ سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن يۈرەك كەلگۈسى نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھەرىكەتكە كېلىپ ، سوقۇشقا باشلايدىكەن . بۇ ئىنسانىيەت تېببىي ئىلمى تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىپ ، يۈرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىدىكەن .