جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئاپرېل خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافرىقا قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى كارتېر ھام 7-ئاپرېل بىلدۈرىشىچە، لىۋىيەگە يەر يۈزى قىسىملىرىنى ئەۋەتىشنى ئويلىشىشى ياكى خەلقئارالىق يەر يۈزى قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنى قوللىشى مۇمكىن ئىكەن.
7-ئاپرېل ھام ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كومىتىتىدا ئىسپات بەرگەندە، لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەت قاتمال ھالەتتە تۇرماقتا، ئامېرىكا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ش ئا ئە ت گە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ قاتماللىق يەنىلا داۋاملاشتى دەپ تەسۋىرلىگەن. ھام ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يەر يۈزى قىسىملىرىنى قاتناشتۇرۇش كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلغان، چۈنكى بۇ ئېھتىماللىق قازافى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان خەلقئارالىق ئىتتىپاقنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەركەتنى قوللىشى تېخىمۇ تەسكە چۈشىدىكەن.
كارتېر ھامنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشكەن، چۈنكى قازافى ئۇرۇش قىسىملىرىنى ۋە ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى ئاممىغا يېقىن رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ش ئا ئە ت باشچىلىقىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنى قىيىن ھالغا قويغان، شۇڭا يەر يۈزى قىسىملىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق توپىلاڭچىلارنى قوللاش مۇمكىنچىلىكى بولغان پىلان ئىكەن. ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما يېقىندا يەر يۈزى قىسىملىرىنى لىۋىيەگە ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى، ئەمما بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تارماق ئەترىتى لىۋىيەدە ئىكەن.
ھامنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ش ئا ئە ت گە ئوت كۈچى كۈچلۈك بولغان AC-130 قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان تەمىنلىگەن، يېقىندا قۇرۇلغان ئالاھىدە تەرتىپتىن ئۆتىشى ھاجەتسىز بولۇپ، ئامېرىكا-ياۋروپا قوماندانلىق شىتابىغا ئىلتىماس قىلسىلا بولىدىكەن، ئامېرىكا رەھبەرلىرى تەستىقلىغان. بۇ قاراش بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ قارىشى بىردەك بولمىغان. بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ ئالاھىدە تەرتىپ ئارقىلىق A-10 ئۇرۇش ئايروپىلانى تەمىنلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيىسى لىۋىيەگە %15 بارمايدىغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ۋەزىپىسى ۋە %60-%70 ئاخبارات توپلاش، رازۋېتكا قىلىش، ئېلىكترون ئۇرۇشى قاتارلىق ئارقا سەپ ياردىمى تەمىنلىگەن.
ھامنىڭ قارىشىچە، قازافى قىسىملىرى 20 مىڭ دانىغا يېقىن يۆتكىلىشچان يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يەر يۈزىدىكى توپىلاڭچىلارغا قوراللىق ياردەم بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان، بۇ نۆۋەتتە ئۇرۇشنىڭ قاتمال ھالەتتە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ھامنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ش ئا ئە ت تاپشۇرۇپ بېرىشى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپ، چۈنكى ھاۋا ھۇجۇمى ئىجرا قىلىشقا قاتنىشىدىغان نۇرغۇن ئەسكەرلەر ئالدى بىلەن ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئاتلىنىشى كېرەك ئىكەن، ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيىسى لىۋىيەدىكى ئۇرۇشقا ئۇزۇن مۇددەت قاتناشسا، ئۇلارنىڭ باشقا رايونلاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى 7-ئاپرېل كۆپلىگەن شەھەر-بازارلاردا قازافى قىسىملىرىنى يېڭەلمىگەندىن كېيىن شەرققە قاراپ قاچقان. ئامېرىكا، ياۋروپا قانداق ھەربىي ۋە سىياسىي ۋاستە ئىشلىتىش ئارقىلىق قازافىنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنگەن. قاتار يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئەجدابىيەگە قىستاپ كەلدى دېگەن سۆز تارقالغاندىن كېيىن، توپىلاڭچى قوراللىقلار 7-ئاپرېل ئەجدابىيەدىن ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىشكە باشلىغان، نۇرغۇن پۇقرالارمۇ چېكىنىش قوشۇنىغا قېتىلغان، ئەجدابىيە ئېغىر مالىمانچىلىق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان.
توپىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى يونۇس توپىلاڭچىلارنىڭ يەنە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. ئۇ ش ئا ئە ت نىڭ بومباردىمانى يەنە توپىلاڭچىلارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئەمما توپىلاڭچىلار 400 تانكا تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى، ھەربىي كۈچى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ دېگەن. ش ئا ئە ت نىڭ ھاۋا ھۇجۇمى توپىلاڭچىلارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشى كەلتۈرۈپلا چىقارماي يەنە 3 تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. ش ئا ئە ت ئالاقىدار ۋەقەنى يەنىلا تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. BBC خەۋەر قىلىپ، ش ئا ئە ت بۇ ۋەقە ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى دېگەن.