ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ش ئا ئە ت لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنىڭ نىشانىنى ئېنىقلىدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسسىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: پۇقرالارنى قوغداش، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە نىشانغا بېكىتىشتىن بۇرۇن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان ئالتە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بېرلىندا يىغىن ئېچىپ، لىۋىيە مەسىلىسىنى نوقتۇلۇق مۇھاكىمە قىلدى. راسموسسىن شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى زۆرۈر بايلىقلار بىلەن تەيىنلەيدىغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرگەن دائىرىدە ھەرىكەتنىڭ جانلىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەمدە لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچىنى ئۈچ نىشاننى ھاسىل قىلغىچە ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!