ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا پىرېزدېنتى قاتار ئەمىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا پىرېزدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن ئاق سارايدا زىيارەتكە كەلگەن قاتار ئەمىرى خاماد بىلەن لىۋىيە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. ئوباما سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا: مەن خاماد بىلەن ناھايىتى پايدىلىق سۆھبەتلەشتىم دېدى. ئوباما مۇنداق دېدى: لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە قاتار دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلاردا قوللىدى، مەن بۇ قېتىم خامادقا رەھمەت ئېيتىمەن. ئوباما يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمدە سۇداننىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنى تىلغا ئالدى. خاماد سۆزىدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى تىلغا ئالدى، ئۇ: بۇ مەزكۇر رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى دەپ قارىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!