ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگىنى كوتىدىۋاغا ئىئانە بېرىش ھەققىدە مۇراجىئەتنا

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تۈنۈگۈن كوتىدىۋاغا 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە بېرىش توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە چىقاردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى خاك شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى كەلگۈسى توققۇز ئايدا، كوتىدىۋاغا كېرەكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىنىڭ 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئاساسلىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئوزۇقلۇق، مائارىپ، سۇ، داۋالاش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى، 2 مىليون ئادەم بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. خاك مۇنداق دېدى: كوتىدىۋادىن قوشنا دۆلەت لىبېرىيەگە قېچىپ بارغان مۇساپىرلار تەخمىنەن 146 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!