جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى نائوتوكان تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن «گۈللىنىش ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش يىغىنى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقاندا، مەزكۇر ئاپپاراتتىن ئىيۇننىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلدى. نائوتوكان يىغىندا مۇنداق دېدى: يېقىندا يۈز بەرگەن ياپونىيەدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى 65 يىلدا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ كرىزىس، ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىش ھەققىدىكى قايتا قۇرۇش لايىھىسىنى ئەمەس بەلكى ئىجادچانلىققا ئىگە لايىھىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ كونكرېت قايتا قۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە ساقچى نازارىتى مۇنداق دېگەن: شۇ يەر ۋاقتى 14-ئاپرېل سائەت 19 غىچە، 11-مارت ياپونىيەدە يۈز بەرگەن قاتتىق تەر تەۋرەش ۋە ئۇ پەيدا قىلغان دېڭىز تاشقىنىدا 13مىڭ 498 ئادەم قازا قىلدى، 14 مىڭ 734 ئادەم يوقاپ كەتتى.