ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە ھۆكۈمىتى يادرودىن بۇلغىنىش تۆلىمىگە ئائىت ئومۇمىي فاڭجېننى ئىمكانقەدەر تېزرەك بېكىتمەكچى بولۇۋاتىدۇ

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 41 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ياپونىيە ئىقتىساد – سانائەت ۋەزىرى كائىدا 41 – ئاپرېل: ھۆكۈمىتىمىز 51 – ئاپرېل يادرو چىقىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پۇقرالارغا تۆلەم بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەم بۇنىڭغا ئالاقىدار ئومۇمىي فاڭجىنېنى تېزرەك ئېلان قىلىشقا تىرىشىدۇ، دېدى.

    كائىدا شۇ كۈنى كېڭەش پالاتاسى ئىقتىساد – سانائەت كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كومىتېتىمىز 51 – ئاپرېل بارلىق كابىنېت ئەزالىرى قاتناشقان ئىقتىسادىي زىيانغا تاقابىل تۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ فۇكۇشىما 1 – يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن يادرو چىقىپ كېتىش ھادىسىسى سەۋەبىدىن پاناھلانغانلارغا تۆلەم بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەم تۆلەم بېرىشكە ئالاقىدار ئومۇمىي فاڭجىنېنى بېكىتىدۇ.

    ياپونىيە مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك بىرلەشمىسى مەركىزىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى موتېگى كودى 41 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىغا بېرىپ، توكيو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ باشلىقى ماساتاكا شىمىزۇغا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تېزدىن تۆلەم بېرىش توغرىسىدىكى ئېتىرازنامىنى تاپشۇردى ھەم فۇكۇشىما 1 – يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن يادرو چىقىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە كانتون رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!