شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 14 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئافغانىستانلىق 1400 يېڭى ئەسكەر 14 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، كابۇل ھەربىي مەشىق مەركىزىدىكى ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىگە رەسمىي قېتىلدى.
كابۇل ھەربىي مەشىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئاگېنتلىقىمىز مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹ئىككى ئايلىق مەشىقنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1400 يېڭى ئەسكەر 14 – ئاپرېل ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىگە رەسمىي قېتىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويدى››.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى 160 مىڭدىن ئاشقان.