ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە رادىيوئاكتىپلىق ماددا تەسىرىنى باھالاش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 14 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى 14 – ئاپرېل مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، فۇكۇشىما بىرىنچى يارو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئېقىپ چىققان رادىيوئاكتىپلىق ماددىنىڭ يېمەكلىك ۋە سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاشنى قارار قىلدى.

    خىزمەت گۇرۇپپىسى ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزى ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىمچاڭچۈن ئىچىرو قاتارلىق سالامەتلىك پەرۋىشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى 13 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللىنىدۇ. ئۇلار يېمەكلىك تەركىبىدىكى رادىيوئاكتىپلىق ماددىنىڭ راك پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ھامىلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

    خىزمەت گۇرۇپپىسى كېلەر ھەپتىدە تۇنجى قېتىم يىغىن ئاچماقچى. خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن كېيىن رادىيولوگىيە ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئالاقىدار دوكلات يوللىماقچى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!