جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندوڭ ئۈلۈشكۈن بوستوندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو مۇنبىرى»دە، «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ليۇ يەندوڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە كېننېدى ھۆكۈمىتى ئىنستىتۇتى بىلەن داڭلىق ۋىندنېر كۇتۇپخانىسىىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە جۇڭگو دۆلەتلىك چەتئەلدە ئوقۇش فوند باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە تەسىس قىلغان ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارغا ئىلمىي ئۇنۋان ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىش تۈرى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.