ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

دوڭتىڭخۇ رايونىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېغىر بولدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
         يېقىندا ، مۇخبىرنىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش–قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل خۇنەن ئۆلكىسىدە ھۆل–يىغىن مىقدارى ئادەتتىن تاشقىرى ئاز بولغان ، بولۇپمۇ دوڭتىڭخۇ رايونىدا ئەتىياز پەسىلىد
  
 

   يېقىندا ، مۇخبىرنىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش–قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ يىل خۇنەن ئۆلكىسىدە ھۆل–يىغىن مىقدارى ئادەتتىن تاشقىرى ئاز بولغان ، بولۇپمۇ دوڭتىڭخۇ رايونىدا ئەتىياز پەسىلىدىكى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغان . دەسلەپكى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، 1 مىليون 820 مىڭ مو كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 440 مىڭ ئادەمنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسى تەسكە توختىغان . مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، خۇنەن ئۆلكىسىدە يېقىنقى مەزگىلدە يامغۇر ياغماي ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىغان بولۇپ ، قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېغىر بولىدىغان بولغاچقا ، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاممىنىڭ سۇ ئىچىش بىخەتەرلىكى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن .خۇنەن ئۆلكىلىك تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش–قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى دوڭتىڭخۇ رايونىدىكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولۇۋاتقان بولۇپ ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى سۇ بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان . نۆۋەتتە ، دوڭتىڭخۇ رايونى 350 مىڭ ئادەم ۋە 18 مىڭ يۈرۈش قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان .

 

 
( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!