ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جاڭ چۈنشيەن شى خېپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 4 – ئاپرېل چۈشتە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى خېپىڭ باشچىلىقىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

    جاڭ چۈنشيەن جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى بالدۇر باشلاندى، ھەرىكىتى تېز بولدى. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ياردەم بېرىش تۈرىدىن 128نى بېكىتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى››. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئاۋۋال يولغا قويۇشىنى؛ قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ قوللاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ياخشى تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ، سۇجۇ سانائەت باغچە رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە مەشغۇلات قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرققىياتىغا ماس كېلىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى خېپىڭ مۇنداق دېدى: جياڭسۇ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن مۇمكىنقەدەر تېز بەھرلەندۈرىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!