ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى س

2011-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

12-بەش يىللىق پىلان باشلانغان يىلى، شىنجاڭ قارىغۇچىلارغا قوغلىشىشنى رەت قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىم ئېشىش يولىنى تاللىدى، ئىشنى خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت 22 تۈردىن باشلاپ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولدى.

شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، سىرتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھازىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلىشىپ بولدى. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن كېيىن، نۇرغۇن ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان باشلامچى قوشۇنلار سىناقنى ئالدى بىلەن يولغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشى ئالدىن بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ياردەم بەرگەن جايلاردا كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئەرزان باھالىق ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، دوختۇرخانا، مەكتەپ قۇرۇلۇشى ھەمدە ئالاھىدە كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نەچچە ئون نىشانلىق ياردەم بېرىش سىناق تۈرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شۇ جايدا دەسلەپكى قەدەمدە ياخشى تەسىر قالدۇردى.

شىنجاڭنىڭ گەرچە بايلىقى مول، تەرەققىيات سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا ناھايىتى زور پەرق بار. شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كادىرلار شۇنى تونۇپ يەتتىكى، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلە ئالدىدا، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى ئىسلاھات تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش ـــ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

بۇنىڭ ئۈچۈن يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش ئەھمىيىتىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 22 ئەمەلىي ئىش قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈردى ھەمدە نەق مەيدانغا بېرىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى بىر بىرلەپ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى.

خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ 22 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قۇرۇلۇشى- ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىمىسى، ئالاھىدە ئاممىنىڭ داۋالاش قۇتقۇزۇش ياردىمى، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالىتى، مال باھاسىنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈرلەر خەلق ئاممىسىنىڭ جانى-جان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر بىر تۈر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقى ئۇتۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ئۈنۈمىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىشى، شۇ جايدىكى ئاممىنى بايلىقنى ئېچىشقا قاتناشتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنى كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!