ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ھوقۇقنى ئارمىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
ماتېرىيال سۈرەت: 2009يىلى 8نويابىر، مۇبارەك شام شەيختە ئېچىلغان ئوتتۇرا ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 4نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 11فېۋرال تېلېگراممىسى: مىسىرنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سۇلايمان 11فېۋرال دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىست
  

ماتېرىيال سۈرەت: 2009–يىلى 8–نويابىر، مۇبارەك شام شەيختە ئېچىلغان ئوتتۇرا ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 4–نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا

    شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 11–فېۋرال تېلېگراممىسى: مىسىرنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى سۇلايمان 11–فېۋرال دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ، مۇبارەكنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ، ھوقۇقنى ئارمىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

   سۇلايمان مۇنداق دېدى: ‹‹ دۆلەت ھازىر قىيىنچىلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا ، زۇڭتۇڭ مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلدى››. ئۇ مۇبارەكنىڭ مىسىر قوراللىق قىسىمىنىڭ ئالىي كومىتېتىغا دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

   باش ئىشتاب ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە تەسىس قىلغان ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11–فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى شۇ كۈنى پايتەخت قاھىرەدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ ، مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان قىزىل دېڭىز ساھىلى ساياھەت شەھىرى شام شەيخكە يېتىپ بارغان . كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىن ئۇچقان .

   مىسىر قوراللىق قىسىمىنىڭ ئالىي كومىتېتى 11–فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ ، مۇبارەكنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە مۇبارەك تېلېۋىزىيە نۇتقىدا بەرگەن تۈرلۈك ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : ۋەزىيەت تىنچلانغاندىن كېيىن جىددىي ھالەت قانۇنىنى بىكار قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ پارلامېنت سايلىمى نەتىجىسى ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ ، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ۋە ئەركىن ، ئاشكارا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

   باياناتتا يەنە ئېتىرازچىلارنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ئىش ئورۇنلىرىغا قايتىشى تەلەپ قىلىندى.

  11 – فېۋرال، مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ مەركىزىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدا، كىشىلەر مۇبارەكنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!