خەلق تورىنىڭ 16-نويابر خەۋىرى: ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 11-ئاينىڭ 16-كۈنى كانبېردا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى دارۋىن خان جەمەتى ھەربىي بازىسىغا كېلىپ، كۆپلىگەن ھەربىي مانىۋېرلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوباما 16-نويابر بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن سودا، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككى دۆلەت ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى داۋرىن خان جەمەتى ھەربىي بازىسىدا كۆپلىگەن ھەربىي مانىۋېرلارنى قانات يايدۇرىدىكەن، كەلگۈسىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇن ھەربىي پاراخوتلىرى ئاۋسترالىيە دېڭىز ساھەسىگە كېلىدىكەن. ئوباما نۆۋەتتىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رايونلۇق ئۆزگۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جۇلىيە (Julia Gillard) ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىم پىرىزدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇلىيە مۇخبىرلار يىغىنىدا ئوباما زىيارىتىنىڭ ئاۋسترالىيە تارىخىدا مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىككى دۆلەتنىڭ 60 يىللىق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، كەلگۈسدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇلىيە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى خادىملىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاۋسترالىيەگە كۆپ ياردىمى بولىدىغانلىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مۇخبىرلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئوباما پارلامېنت بىناسىدا جۇلىيە بىلەن سۆھبەتلەشكەن، ئىككى تەرەپ ئافغانىستان مەسىلىسى، سودا ۋە ھەربىي ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان. زىيارەت مەزگىلىدە، ئوباما ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىيات سىياسىتىنى شەرھىيلىگەن. ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى «ئاۋسترالىيە يېڭى زېللاندىيە ئامېرىكا شەرتنامىسى» نىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلگەن. ئوباما بۇلتۇر دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىشلار سەۋەبلىك ئەسلىدە بېكىتىلگەن ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئىككى قېتىم بىكار قىلغان. (نەپرەت)