جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئەمەلدارى ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر توننا ئېغىرلىقتىكى يادرو ئوق بېشىنى جۇڭگونىڭ مەركىزىي قىسىمىغىچە ئېلىپ بارالايدىغان يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋاپىقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، ئۇلار شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ئورىسسا شىتاتىغا جايلاشقان سىناق مەيدانىدا «يالقۇن-4» تىپلىق يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئاتقان. بۇ ئەمەلدار:«بارلىق پارامېتىرلار ناھايىتى نورمال، قويۇپ بېرىش ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى» دېگەن. ئۇ قاتتىق يېقىلغۇ قاچىلانغان، يادرو ئوق بېرىشى ئېلىپ ئۇچالايدىغان ئىككى ئۆزەكلىك راكېتانىڭ بېنگال قولتۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ ھىندى ئوكيانغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. «يالقۇن-4» تىپلىق يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېتىش مۇساپىسى 3500 كىلومېتىر بولۇپ، ئەمما بۇ قېتىمقى سىناقتا 3000 كىلومېتىر ئىكەن. ھىندىستان يەنە يالقۇن يۈرۈشلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ باشقا 3 خىلىنى ئاشكارىلاپ بولغان ئىدى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېتىش مۇساپىسى 750 كىلومېتىر بولغان «يالقۇن-1»، ئېتىش مۇساپىسى 1500 كىلومېتىر بولغان «يالقۇن-2» ۋە ئېتىش مۇساپىسى 2500 كىلومېتىر بولغان «يالقۇن-3» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار. ھىندىستان ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پات ئارىدا قىتئەلەر ئارا ئۇچۇدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا لاگىرىغا كىرىدىغان بولۇپ، موسكىۋا ھىندىستاننىڭ ئېتىش مۇساپىسى 10 كىلومېتىر بولغان «يالقۇن-5» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا تېخنىكا تەمىنلەيدىكەن. (نەپرەت)