مۆلچەرلىنىشىچە ، دورا سىناق قىلىش كەسپىنىڭ مەبلەغ سالمىقى 1.89 پوندقا يېتىدىكەن . 2007-يىلدىن 2010-يىلغىچە ، ئاز بولغاندا 1730 ھىندىستانلىق يېڭى دورىنى كلىنىكىدا سىناق قىلىشتا قازا قىلغان . ئىگىلىنىشىچە ، ھىندىستان غەرب ئەللىرىدىكى چوڭ دورا كارخانلىرىنىڭ سىناق ئېلىپ بارىدىغان تەجرىبىخانىسىنىڭ بىرى ئىكەن . 2010-يىلى بۇ چوڭ دورا زاۋۇتلىرىنىڭ دورا تەتقىق قىلىپ ياساشقا سالغان مەبلىغى 40 مىليارد پوندقا يەتكەن ، ئۇلار دۇنيادىكى 178 دۆلەتتە 120 مىڭ تۈرلۈك سىناق ئېلىپ بارغان .
15-نويابىر، ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندىستاندا نوپۇسنىڭ كۆپ بولۇشى ھەمدە نازارەت قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشى تۈپەيلى ، غەربتىكى نۇرغۇن چوڭ دورا كارخانىلرى ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان ھىندىستاننى ئۆزىنىڭ يېڭى دورىسىنى سىناق قىلىدىغان «تەجرىبىخانىسى» غا ئايلاندۇرىۋالغان، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا دورا تەتقىقاتىنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن .
«مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستان 2005-يىلى دورا سىناق قىلىش چەكلىمىسىنى بوشاتقاندىن كېيىن ، بۇ خىل «كەسىپ» جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ، ھازىرغىچە 150 مىڭ ھىندىستانلىق ئاز دېگەندە 1600 تۈردىن ئارتۇق كلىنكىلىق دورا سىنىقىغا قاتناشقان ، ياۋروئامېرىكىدىكى نۇرغۇن داڭلىق دورا كارخانىسى بۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان .
ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە ، دورا سىناق قىلىش زىيادە ئەركىن بولۇپ كەتكەچكە، نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان . مەسىلەن: نازارەتچىلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى، شەھەردىكى بىرقىسىم نامرات ، ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپلا ئاساسلىق سىناق قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى ، ياكى دورا سىنقى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتتىن تولۇق خەۋەردار بولالماسلىقى قاتارلىقلار . سىناق قىلىنغۇچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىنەرلىك ھەقكە ئېرىشەلەيدۇ.
دورا سىنىقى جەريانىدا ، دائىم كىچىك ھادىسىلەر كېلىپ چىقىدۇ . مەسىلەن: نەچچە يۈزلىگەن قىزلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ ، ھۆكۈمەت ئالاقىدار تارمىقىنىڭ باش لىڭشىتىپ قويۇشى بىلەنلا بىل گايتىس ئەر-خوتۇن فوندى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن يېڭى دورا سىنىقىغا قاتناشقان . ئاقىۋەت ، بىر قىسىم قىزلار دورا سىنىقىدىن كېيىن قازا قىلغان ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاخىرى بۇ تۈرنى توختىتىۋەتكەن .
بۇ دورا كارخانىلىرىنىڭ قارىشىچە ، ئۇلارنىڭ سىنىقى يېتەرلىك ئىسپات ۋە نازارەت قىلىشقا ئىگە ئىكەن. ئەنگىلىيە دورا ياساش سانائىتى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان باياناتتا ، ئەگەر بىر دورا زاۋۇتى يېڭى دورىنىڭ ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشسە ، ئۇلار ھەرقانداق جايدا دورا سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىن قەتئىينەزەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى نازارىتىگە ئۇچرايدىكەن .