ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كانادادا تۇنجى قېتىم سۇلياۋ پۇل تارقىتىلدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

يېڭىدىن تارقىتىلغان 100 كانادا دوللىرىلىق سۇلياۋ پۇلنىڭ ئالدى ، ئارقا يۈزى

    14-نويابىر، كانادا مەركىزىي بانكىسى تۇنجى قېتىم سۇلياۋ پۇل تارقىتىشقا باشلىغان . بۇ ئوبوروتقا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ پۇلنىڭ قىممىتى 100 كانادا دوللىرى بولۇپ ، ئالاھىدە پولىمېرلاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان . بۇ سۇلياۋ پۇل ئاسان پەرق ئەتكىلى بولۇش ، يالغاندىن ياساش تەس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ ، ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئادەتتىكى قەغەز پۇلغا قارىغاندا 2.5 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن .

    كانادا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، كانادا مەركىزىي بانكىسى يەنە قىممىتى 50، 20، 10ۋە 5 كانادا دوللىرى بولغان سۇلياۋ پۇلنى بېسىپ تارقىتىدىغان بولۇپ ، بۇ پۇللار 2013-يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئوبوروت قىلىنىدىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!