ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

روسىيە ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسى جۇڭگوغا ساتقان قورال-ياراغ تىزىملىكىنى «ئاشكارلىدى»(1)

2011-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
كەلگۈسى نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ ئىلغار قوراللارنى ياساش تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ كەڭرى ۋە جىددىي بولىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ نۇقتىدىكى پوزىتسىيىسى تېخىمۇ ئېنىق، روسىيەلىكلەر جۇڭگوغا يا تېخنىكىسىنى سېتىپ بېرىشى كېرەك يا بۇ بازاردىن يوقىلىشى كېرەك مو
  

 

«كەلگۈسى نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ ئىلغار قوراللارنى ياساش تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ كەڭرى ۋە جىددىي بولىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ نۇقتىدىكى پوزىتسىيىسى تېخىمۇ ئېنىق، روسىيەلىكلەر جۇڭگوغا يا تېخنىكىسىنى سېتىپ بېرىشى كېرەك يا بۇ بازاردىن يوقىلىشى كېرەك»

 موسكىۋانىڭ ئاسمىنى ئەزەلدىن تىنجىپ قالغان ئەمەس. موسكىۋا گېزىتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيەنىڭ بەش ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىقى بولغان 2011-يىللىق موسكىۋا ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسى (2011-MAKS) خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە دىققىتىنى تارتقان. ئامېرىكا ئىستراتىگىيە ۋە باھالاش مەركىزىنىڭ مەخسۇس جۇڭگو-روسىيە قورال سودىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچى رىچاردنىڭ فىچېرنىڭ قارىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە بىلەن سىرلىق جۇڭگو-روسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىدە مەلۇم ئىچكى باغلىنىش بار ئىكەن. جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپلا قالماي، ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە مۇزاكىرلەشكەن. ئۇنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، موسكىۋا ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىدە پەيدا بولغان بەزى قورال-ياراغلارنىڭ روسىيە جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىدىغان يېڭى بىر تۈركۈم قوراللار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. روسىيەدە ياسالغان سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇدىغان ئايروپىلان جۇڭگونىڭ «  «Varyagناملىق ئاۋىئاماتكىسغا سەپلىنىدۇ بۇ قېتىمقى موسكىۋا ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ۋارياگ ناملىق ئاۋىئاماتكا سۇپىسىنى ئاشكارلىغان ۋاقتى ئىنتايىن يېقىن، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئاۋىئاماتكا ئايروپىلان ئەترىتىنى قۇرۇشىدىكى يېڭى ئالامەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى. يەرمەنكىگە قاتناشقان روسىيە بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە ياساش گۇرۇھى (UAC) ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ جۇڭگونىڭ «كەلگۈسى ئاۋىئاماتكىسى» غا «روسىيە تېخنىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان ئاۋىئاماتكا ھۇجۇمچى ئايروپىلانى» نى سېتىۋالىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان. روسىيەنىڭ ساليوت (Calyiot) ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ يەرمەنكىگە قاتناشقان خادىمى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو ئاۋىئاماتكا ئايروپىلانى ئۈچۈن ئىتتىرىش ۋېكتورى سىستېمىسى AL-31FN قۇيۇنسىمان قاناتلىق گېنراتورنى سېتىۋالماقچى بولغان. تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، ئاۋىئاماتكا ئايروپىلانى ئاۋىئاماتكىغا قونغاندا توسقۇچ ئىلمىكى تۇتالماي قالغاندا، چوقۇم ئىتتىرىش پۈركۈگۈچ ۋېكتورى بولغاندا ئاندىن قايتىدىن تېزلىكتە ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن. ساليوت بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ خادىمى دېيىشىچە، ئىتتىرىش ۋېكتورى سىستېمىسى ئاۋىئاماتكا ئايروپىلانىنى تېخىمۇ ئاستا قونۇش سۈرئىتىگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، ئاۋىئاماتكا ئايروپىلانىغا نىسبەتەن بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئامىل ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، روسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ باشقىرتىستان(Bashkortostan) جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇمېرتاي (Kumertay) ئاۋىئاتسىيە ياساش كارخانىسى (KumAPP) مۇ ئامېرىكا مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىئاتسىيە قىسىمىغا ياساپ بەرگەن يېڭى بىر تۈركۈم Ka-28 سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە Ka-31 سېگنال ئايروپىلانىنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك  «  «Varyagناملىق ئاۋىئاماتكىغا سەپلەيدىكەن. KumAPP نىڭ باياناتچىسى رومان كىرىلوف KumAPP شېركىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىغا سەپلىنىدىغان ئەسلىھەلەرنى چۆرىدىگەن ھەمكارلىق يولىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ پۈتكۈل پەن-تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو-روسىيە قورال سودىسىدا 90-يىللاردىكى زور سوممىلىق سودىلارنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك بولۇپ قالدى. خۇددى روسىيە مۇتەخەسسىسى ئېيتقىنىدەك، روسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتى ئۆتكەن 20 يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى ئېكىسپورتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى قىلىپ كەلدى، ئەمما بۇ مەھسۇلاتلار جۇڭگو خېرىدارلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايتتى. بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، روسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى قورال ئەسلىھەلىرى جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدىغان بولۇپ قالغان. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو-روسىيە ھەربىي سودا ھەمكارلىقى يۈرۈشلۈك قورال سىستېمىسىغا مەركەزلىشىدىكەن.

رىچارد فىچېرنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىدە، گەرچە روسىيە 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە نامايەن قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىشىدا ئۈمىد يوق ئىكەن. ئەكسىچە روسىيەدە ياسالغان بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى جۇڭگولۇق خېرىدارلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، روسىيە رادۇگا (Raduga-ھەسەن-ھۈسەن دېگەن مەنىدە) لاھىيلەش ئىدارىسى ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتقان K-172 تىپلىق ئېتىش مۇساپىسى 300 كىلومېتىر بولغان ھاۋادىن ھاۋاغا ئاتىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا تۈرى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئېھتىيات قىلدى، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يەرمەنكىدە پەقەت بىر Su-30 كۈرەشچى بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئاسقانلىقىنى تىلغا ئالغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى K-172 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى مەبلەغ ئېغىر كەمچىل بولغانلىقتىن توختاپ قالغان، ئەمما ئەڭ يېقىنقى بەزى خەۋەرلەردە قايتىدىن باشلانغانلىقى دېيىلگەن. بەزى خەۋەرلەردە بۇ تۈرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى جۇڭگو ۋە ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىلگەن. K-172 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى روسىيە رادۇگا لاھىيلەش ئىدارىسى ئامېرىكىنىڭ E-2 ۋە E-3 سىگنال ئايروپىلانلىرى قاتارلىق يىراق ئارىلىقتىن نازارەت قىلىدىغان ۋە جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس لاھىيلەپ چىققان. بەزى باھالاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بۇ تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇق، رازۋېتكا ۋە ئۇرۇش مەيدانىنى نازارەت قىلىش ئۈستۈنلىكىدىن غالىپ كېلىش ئۈمىدىدە بولغان. روسىيە رادۇگا (Raduga) لاھىيلەش ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ چىققان يېڭى تىپتىكى Kh-59MK ئاكىتىپ رادارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىمۇ موسكىۋا ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مەخسۇس جۇڭگو ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، 2006-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىشلەپچىقرىشقا كىرىشكەن،  Su-30 كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن بىرگە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىغا سېتىپ بەرگەن. ئەمما رادۇگا لاھىيلەش ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى دېيىشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى Su-30 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ باشقا خېرىدارلىرىغىمۇ تاپشۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ خېرىدارلار ۋېيتنام، ۋېنسۇئىلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ قورال سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئىز قوغلاپ كەلگەن، ھەمىشە جۇڭگوغا ئەگىشىپ بىر قىسىم قوراللارنى سېتىۋالغان. رادۇگا لاھىيلەش ئىدارىسىنىڭ رەقىبى بولغان روسىيە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا گۇرۇھى بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ئۆزىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى نەتىجىلىرىنى ۋاستىلىق نامايەن قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەربنىڭ بىر مۇداپىئە ھەپتىلىك ژورنىلى ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگو Kh-31 نىڭ تېخنىكىسىغا ئاساسەن مەلۇم رادىئاتسىيەگە قارىشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتۈر يۆلىنىشتە ئوخشىتىپ ياساپ چىققان، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ باشلاش ۋە پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان مەھسۇلات، قۇرۇلمىسى ئىسرائىلىيە جۇڭگوغا سېتىپ بەرگەن « « IAI Harpyئاۋازدىن تېز ئۇچۇدىغان رادارغا قارشى ئۇچقۇچىسز ئايروپىلانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئالدىن سېگنال بېرىش ئايروپىلانى ۋە Aegis پاراخوتىغا تەھدىت پەيدا قىلالايدۇ. روسىيەنىڭ باشقا بىر ئاۋازدىن تېز تېخنىكا ئېنژىنېرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا،جۇڭگو روسىيەنىڭ ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىغا خېلى قىزىقىدىكەن، بۇ ساھەگە زور مىقداردا ئادەم ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلغان. جۇڭگو بىلەن روسىيە ھەر يىلى ئاۋازدىن تېز تېخنىكىسى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، بىراق بۇ ئېنژىنېر ئەزەلدىن تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالمىغان. ئەمما ئۇ جۇڭگونىڭ بۇ تېخنىكا ساھەسىگە بولغان سېلىنمىسىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىر تارماق ياش ئېنژىنېرلار قوشۇنىنى تەربىيلەش ئارقىلىق روسىيە ئۇنۋېرستىتلىرىدىكى پراففىسسورلاردىن تەلىم ئالدۇرغان، روسىيە لاھىيلەش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلغان. (نەپرەت تەرجىمە قىلدى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!