خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 19-نويابر خەۋىرى: ئىران ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قىسىمى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتىن باشلاپ ئىراننىڭ شەرقىي قىسىمىدا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا مۇداپىئە مانىۋېرىنى باشلىغان، مانىۋېر ئىراننىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك دۆلەت زېمىنىنى قاپلىغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېر 4 كۈن داۋاملىشىدىكەن، 4 باسقۇچقا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بىردەك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەربى تەھدىتكە تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلىش، ئىراننىڭ ئىقتىسادىي مەركىزىنى، بولۇپمۇ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. ئىراننىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، توپ زەمبىرەكلىرى، يىراق مۇساپىلىق رادار ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىق قورال ئەسلىھەلىرى مانىۋېرغا قاتناشقان. مانىۋېر تۈرلىرى يېڭى تىپتىكى ھاۋا مۇداپىئە تاكتىكىسىنى مەشىق قىلىش، تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى تۇيۇقسىز ھۇجۇم ئۇرۇشى ۋە سىممىتىرىك بولمىغان ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش، ئارمىيە ۋە ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدىكى ماسلىشىش مەشىقى، ئىراندا ئىشلەنگەن ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. (نەپرەت)