ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

نەزەربايېۋ بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ قازاقىستان مەجلىسىنى تارقىتىۋەتتى

2011-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
خەلق تورىنىڭ 16-نويابر خەۋىرى: قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پىرىزدېنت بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان، پىرىزدېنت بۇيرۇقىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان مەجلىسى (پارلامېنتى) تارقىتىۋېتىلىدىكەن ھەمدە مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزىدىكەن
  

 

خەلق تورىنىڭ 16-نويابر خەۋىرى: قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پىرىزدېنت بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان، پىرىزدېنت بۇيرۇقىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان مەجلىسى (پارلامېنتى) تارقىتىۋېتىلىدىكەن ھەمدە مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزىدىكەن. پىرىزدېنت بۇيرۇقىدا قازاقىستان ئاساسىي قانۇنى ھەمدە سايلام قانۇنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت مەجىلىسى تارقىتىپ تاشلىنىدىغانلىقى، قازاقسىتان 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقى دېيىلگەن. پىرىزدېنت بۇيرۇقىدا قازاقسىتان ھۆكۈمىتى، مەركىزىي سايلام كومىتېتى ۋە ھەر قايسى دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سايلامغا ئاكىتىپ تەييارلىق قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. قازاقىستاننىڭ كېلەركى نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى ئەسلىدە كېلەر يىل 8-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ئەمما قازاقىستان مەجلىسىنىڭ 53 نەپەر ئەزاسى ئالدىنقى ھەپتە نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا مەجلىستىنى تارقىتىپ تاشلاپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادى ئېھتىمال كېلەر يىل  يېڭى كىرزىسلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن، «بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مەجلىسى زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرپ سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمدىكى پارلامېنت قۇرۇش تەلىپىنى ئويلىشىپ»، مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىغان. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى سايلام قانۇنىدا، قازاقىستان پارلامېنتى ئاز دېگەندە ئىككى سىياسىي پارتىيىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. سايلامدا، ئىككىنچى بولغان سىياسىي پارتىينىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى %7 ئاشمىسىمۇ پارلامېنتقا كىرىش ۋە ئورۇنغا ئىگە بولۇش سالاھىيىتى بولىدۇ. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!