كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!

پرېستان: بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇننى يازسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇنى مەلۇم تور بېتىگە ئۇلىنىش قىلالايسىز.

  • 3. ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىۋېتىلىشىدىكى جىنايەت نامى

     
      ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى خېلى ئىشەنچلىكتەك قىلىدۇ، بىراق ئۇ زادى قانداق جىنايەت بىلەن ئېتىۋېتىلگەن؟ مەن كوزنىتسوف بىلەن پاراڭلىشىش داۋامىدا يەنە بەزى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. كوزنىتسوف مۇنداق دەيدۇ: ما

  • ما يەنلياڭ قاتارلىقلار موسكۋادا ما جۇڭيىڭ بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن بىللە تۇردى ۋە ئوقۇدى.  1936 - يىل 4 - ئايدا شېڭ شىشەي قەشقەردە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن دىۋىزىيە كوماندىرى مەخمۇت مۇھىتى ( مەخمۇت سىجاڭ ) يۈز ئۆرۈدى. ئۇ چاغلاردا ياپون جاھانگىرلىرى جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى كۈچەيتكەنلىكتىن،  شىمالىي جۇڭگونىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنىدى،

  • مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى

    جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى ( باۋۋېي زوڭسىلىڭ ) خوجانىياز ھاجى 1934 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى

  • ۋاڭ شىلۇڭ



      1928 - يىلى ( مىنگونىڭ 18 – يىلى ) شىنىڭدىكى نىڭخەي كورپۇسىنىڭ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن خۇيزۇ ئوفىتسېرى ما جۇڭيىڭ ( 1911 − 1937؟ ) فېڭ يۈشياڭ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ گەنسۇدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقتى.

  • كولومبو ئامىرىكا قىتئەسىنى تاپقاندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قەدىمى دەرھاللا جەنۇبىي ئامىرىكىغا يىتىدۇ. تەخمىنەن 1530-يىلى ئەتىراپىدا جەنۇبىي ئامىرىكىدا تارقالغان بىر رىۋايەت ئۇ يەردىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قېتىم نەپسانىيەتچىلىك دولقۇنىنى قوزغىۋىتىدۇ.

  • ئۇ يەنە بىر جەدىتچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن باشلانغۇچ مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە، كۇچا ئۇيغۇرلىرىغىمۇ يېڭىچە مائارىپنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەپ چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي مىسال تەرىقىسىدە، ئۆزى شەخسەن 40 − 50 بالىنى يىغىپ مەكتەپ ئاچقان، قەلەم - قەغەزلەرنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن.

  •    ئوئىشى شىنئىچىرو( ياپونىيە)




    كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئەنگىلىيىلىك فورسىسنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى، روسىيىنىڭ كۇروپاتكىن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكى، ياۋروپا- ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلەر ھەققىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.

  •  بىز ئاكام بىلەن خوشلىشىپ، نامازدىگەردىن سەل ئۆتكەندە مەھەللىگە كەلدۇق. ئاپام، چوڭ ئاكام موللانۇر( ھاجى ئىمام) ۋە باشقا قېرىنداشلار مەھەللىنىڭ غەربىدىكى باغچە بېشىغا چىقىپ بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. بۇ كۈن روزى ھېيتنىڭ ھارپىسى بولۇپ، جامائەت ھېيت تەييارلىقى قىلىۋاتقانىكەن. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىمغا بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇرۇق - تۇغقانلار بىلەن خۇشال - خورام ھېيت ئۆتكۈزدۈم.

  • ئەجدادىمنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى بولۇپ، قۇمۇلدىكى تۇنجى بوۋام ئىسلام ئاخۇن 1677- يىلى 2 - ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇننى ئېلىپ يەكەندىن قۇمۇلغا كېلىپ ئەبەيدۇللا تارخانبەگ1697 - يىلى چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان ئوردىسىدا ئاخۇنلۇق قىلغان، ئىسلام ئاخۇن بوۋىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇن ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. بىز 7 ئوغۇل، 4 قىز بولۇپ، 11 بالا ئىدۇق. 1931 - يىلى 3 - ئايدا قۇمۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ - كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابى پارتلىدى. بۇ چاغدا مەن مەكتەپتە( موللىدا) ئوقۇۋاتاتتىم. دېھقانلار ئىنقىلابى باشلىنىشى بىلەن خەلق قۇمۇل تاغلىرىغا، ياقا يۇرتلارغا قېچىشقا باشلىدى. بىزمۇ ئاراتامغا قېچىپ چىقتۇق.

     

  •  

    ئىمپېرىيىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى



    شاھ جاھاننىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ھەممىسى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. چوڭ ئوغلى داراغا پايتەخت دېھلىغا ئەڭ يېقىن بولغان غەربىي شىمال قىسمىدىكى پەنجاپ سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى شۇياغا شەرقىي قىسىمدىكى بېنگال ۋە ئورىسسا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى ئوغلى ئەۋرەڭزېب ئوتتۇرا قىسىمدىكى دېكان ئېگىزلىكىدە، تۆتىنچى ئوغلى موراد غەربىي قىسىمدىكى گۇجرەتتە تۇرىدۇ. بۇ تۆتەيلەن نامدا ۋالىي بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە كىچىك پادىشاھ ئىدى. ئۇلار ھەربىي قوشۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۆزى بىلگىنىچە ئىش قىلاتتى.