كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-29

    قولدىن چىقىرىپ قويغان تارىخىي پەيىت - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    قولدىن چىقىرىپ قويغان تارىخىي پەيىت:خەن گاۋزۇنى يوق قىلىۋىتىشكە قىل قالغان باتۇر تەڭرىقۇت

    (قاملاشمىغان تەرجىمەم)

    ئاساسلىق مەزمۇنى:بەيدىڭ مۇھاسىرسىدىن كېيىن،ھون ئىمپىريىسى مۇھىم بىر پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويدى.بۇ ۋاقىت ئۇلارنىڭ  ئىمپىريە تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋاختى بۇلۇپ،داھىيسىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە،بىپايان زىمىنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.ئۇنىڭ دۈشمىنى بولسا تېخى قانات-قۇيرۇقى پىشىپ يىتىلمىگەن خەن ئىمپىريىسى ئىدى. ئامەت قۇشى نەچچە رەت ھونلارنىڭ بېشى ئۈستىدىن ئەگىپ ئۆتتى،بىراق ئۇلار ئۇنى ئىنىق تۇنۇپ يەتمىدى،ياكى ئۆز ئۈستۈنلىكلىرىنى مەڭگۈلۈك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرالمىدى.

    باتۇر تەڭرىقۇت سىرىتقا قارىتا ئىستىللاچىلىق يۈرۈشىلىرىنى ئېلىپ بىرىۋاتقان بۇ ۋاقىتتا، جۇڭخۇا ئىمپىريىسىدە چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىۋاتاتتى.بۇ ۋاقىتتىكى ليۇباڭ ھازىرقى سىچۈەننىڭ يېنىدا يىراققا بارىدىغان بىر تار يولنى ياساپ،شياڭ يۈ ئەۋەتكەن نازارەتچىنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ،چېن ساڭدىن مەخپىي ئۈتۈپ،گۈەنجوڭنى ئىگىللەپ، پىڭچېڭنى پايتەخىت قىلىپ،ئۆزىنى غەرپ غوجىسى دەپ ئاتاپ،چۇ-خەن تىركىشىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن چاغلىرى ئىدى.كىيىن ليۇباڭ تەستە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،بىراق كۈچى خوراپ كەتكەن ئىدى.ليۇباڭ غەلبىدىن كېيىن تۆھپىكار ۋەزىر-ۋۇزرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلدى،نەتىنجىدە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلىگەن بولسىمۇ،ئەمما دۆلەتنىڭ ئىچكى كۈچى زور زىيانغا ئۇچۇردى.ئەينى چاغدىكى خەن سۇلالىسى نامرات دۆلەت دىيىشكە تامامەن

     بۇلاتتى.پۇقرالار ئەتىگىنى يىيەلىسە چۈشتە ئاچ قالاتتى،چۈشتە تاپالىسا كەچتە ئاچ قالاتتى.ئەمەلدارلارنىڭ قورساق مەسىلىسى ھەر ھالدا ھەل قىلىنغىنى بىلەن،قاتناش مەسىلىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ زور مەسىلە ئىدى.يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار،پادىشاھنىڭ تۇققانلىرى ئوردىغا كېڭەشكە چىققاندا،ئامالسىزلىقتىن دىھقانچىللىققا ئىشلىتىلدىغان قوپال كالا ھارۋىلىرىغا ئولتۇراتتى.دەرىجىسى ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بۇنداق كالا ھارۋىسىدا ئولتۇرۇشقا شەرتى توشمايتى.خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدار-پۇقرالىرىغىچە مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرسا،تېخى يېقىندىلا ئون نەچچە دۆلەتنى ئۆزىگە قۇشۇۋالغان ھونلارغا قانداقمۇ كۈچى يەتسۇن؟

    بۇنى كۆرگەن ھىيلىگەر ۋە يىراقنى كۆرەر باتۇر تەڭرىقۇت،بۇ پۇرسەتنى تۇنۇپ يىتىپ،زور قۇشۇن بىلەن جەنۇپقا خەن سۇلالىسىگە قارشى قۇشۇن تارتتى.

    خەن سۇلالىسىنىڭ چىگرا رايۇنلىرى ئىچىدە ھونلارغا ئەڭ يېقىن بولغىنى دەيجۈن ۋە يۈنجوڭ ۋىلايەتلىرى ئىدى.دەيجۈن ۋىلايىتىنى ساقلاۋاتقان سەركەردە خەن ۋاڭ شىن بۇلۇپ،شەھەر مەركىزى مايىدا ئىدى.باتۇر تەڭرىقۇت خىللانغان يۈز مىڭ كىشلىك زور ئاتلىق قۇشۇن بىلەن مايىنى ئىشغال قىلىپ،مال-مۈلۈك،ئاشلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلۋاتقاندا،خەن ۋاڭ شىن ئۇلارغا كۈچى يەتمىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ خەن گاۋزۇغا بولغان نارازىلىقى سەۋەبلىك ھونلارغا تەسلىم بۇلۇپ كەتتى.خەن ۋاڭ شىننىڭ ياردىمىدە باتۇر تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى پۈتۈنلەي بىلىپ بولدى.ئۇ بۇ قېتىم نەچچە يۈز مىڭ ھون چەۋاندازلىرىنى باشلاپ جەنۇپقا كەڭ كۆلەملىك يۈرۈش قىلىپ جىنياڭ شەھرىگىچە يىتىپ كەلدى.بۇ ۋاقىت قىش پەسلى بۇلۇپ قار ھە دەپ يېغىپ تۇراتتى،سوغۇق ئىنتايىن قاتتىق بولغان بۇلۇپ،ئەسكەرلەرنىڭ ٪20-٪30 لىرىنىڭ قۇلى ئۈششۈپ كەتكەن ئىدى.ھىيلىگەر باتۇر تەڭرىقۇت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،نەچچە يۈز مىڭ كىشلىك خىللانغان قۇشۇنىنى بۆكتۈرمە قىلىپ قۇيۇپ،ئۆزى قېرى،ئاجىز، مىيىپ ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ خەن سۇلالىسى بىلەن جەڭگە چىقتى ھەمدە يالغاندىن يېڭىلگەن بۇلۇپ چىكىنىپ،ئۇلارنى بۆكتۈرمە قۇيۇلغان يەرگە باشلاپ كەلدى.خەن گاۋزۇ جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىدىن ئالغان ساختا مەلۇماتقا ئىشىنىپ كىتىپ،خۇددى غەلبە كۆز ئالدىدىلا تۇرغاندەك بىلىنپ،خەن سۇلالىسى قۇشۇنلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەخمىنەن 320 مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن ھون قۇشۇنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتتى.بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي ليۇباڭ شەخسەن بىر بۆلەك ئالدىن يۈرەر قۇشۇن بىلەن ئاۋال ئاتلىنىپ پىڭچېڭغا كەلدى.ئويلىمىغان يەردىن باتۇر تەڭرىقۇت ۋە ئۇنىڭ 400 مىڭ كىشلىك خىللانغان قۇشۇنى بەيدېڭشەن ئېتىكىدە(پىڭچېڭنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر تاغ) پەيدا بۇلۇپ،خەن قۇشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي قورشىۋالدى.بىچارە ليۇباڭ ۋە خەن قۇشۇنلىرى يەتتە كۈنگىچە نە سىرىتىنىڭ ياردىمىسىز،نە ئۇزۇق-تۈلۈكسىز يەتتە كۈن قامالدا قېلىپ،ھالاكەت گىردابىغا چۈشۈپ قالدى.مانا بۇ تارىختا <<بەيدىڭ مۇھاسىرسى>> دەپ ئاتىلىدۇ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى)

    داۋامى بار.

    مەنبە: http://war.news.163.com/09/1027/18/5MLC84CQ00011MSF.html

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر