كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-05-01

    قولدىن چىقىرىپ قويغان تارىخىي پەيىت (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    بۇنى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ مىجەز-خاراكتىرىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ.بىز باشتا ئېيىتقاندەك،باتۇر بۇرۇن توخرىلار ئىلىدە بىر مەزگىل تۇرغاقلىقتا تۇرغان(قانچىلىك تۇرغىنى ئىنىق ئەمەس).بۇ مەزگىل باتۇر ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەزگىل بولغان.ئۇ بۇ يەردە توخرىلارنىڭ ئىلغار بولغان قورال تېخنىكىسى-ئاۋازلىق ئوقيا ياساشنى ئۆگىنۋالدى،بۇ ئۇنىڭ كىيىن باش كۆتۈرۈپ ھون چەۋەندازلىرىنى ئىسلاھ قىلىشىغا ئاساس سالدى.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ بۇ يەردە ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.دەل شۇ ئۆزگۈرۈش ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قوزغاش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭدا باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسى شەكىللەندى.ئەڭ مۇھىمى ئۇ بىر خىل ئويلىغىننى تېشىدا بىلدۈرمەيدىغان خاراكتىنى يىتىلدۈردى.مەيلى قانچىلىك خورلۇق تارتسۇن،قانچىلىك جاپاغا قالسۇن،غەزىۋىنى،نەپرىتىنى قەلبىگە مەھكەم ساقلاپ،ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي،كۈچ تولاپ تۇرۇش بۇلۇپ،بۇ ھالەت تاكى ئۇنىڭ نەزرىدە چاتاق چىقمايدۇ دىگەن چاغقىچە داۋاملىشاتتى.

    دەل شۇ خاراكتىر بەيدىڭ مۇھاسىرسىدە ئۇنىڭ خەن گاۋزۇنى يوقىتىپ، كۈللى جاھانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قۇيىشىغا سەۋەپ بولدى.تەپسىلىي ئەھۋال مۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن:باتۇر تەڭرىقۇت ئەسلىدە خەن ۋاڭ شىننىڭ قول ئاستىدىكى ۋاڭ خۇاڭ،جاۋلى قاتارلىق سانغۇنلار بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ئىدى،ۋاڭ،جاۋدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەپەر سانغۇننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يىتىپ كەلمەسلىكى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان،ئۇ ئۇلارنىڭ خەن قۇشۇنلىرى بىلەن سۈيقەسىت پىلانلاپ،ئارقا تەرىپىدىن خەنجەر ئۇرۇشىدىن قورقتى.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تۈمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرۈپ،شەرقىي غۇزلارنى(توڭگۇس) يوقىتىشلىرىغا قارايدىغان بولساق،باتۇر تەڭرىقۇت ئۆز كۈچىگە باراۋەر دۈشمەن بىلەن ئۇچۇراشقاندا،ئاۋال دائىم ئەڭ زور دەرىجىدە سەۋرىچان بۇلاتتى،بىر ھۇجۇم بىلەن غەلبە قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغاندىلا ئاندىن ھۇجۇم باشلايتى.بەيدىڭ مۇھاسىرسىدە گەرچە باتۇر تەڭرىقۇت جەڭدىن بۇرۇن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان،خەن قۇشۇنىنى ئاۋال يوقۇتۇپ تىز ھۇجۇم باشلاش ئويى بولسىمۇ،ئەمما بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى رەت جەڭ مەيدانىدا تۇتۇشىشى بولغانلىقتىن،باتۇر تەڭرىقۇت بىرلا ھۇجۇم بىلەن غەلبە قىلىشقا ئىشەنچ قىلالمىدى.بۇ چاغدا ئۇنىڭدىكى ھىچكىمگە ئىشەنمەسلىك ۋە زىيادە ئېھتىياتچانلىق،تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۋاتقان ئۇنىڭ قەدەمنى خاتا بېسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

    بەيدىڭ مۇھاسىرسى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى <<قۇدىلىشىش سىياسىتى>> خەن سۇلالىسىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىنىق ئىپادىسى ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىن باتۇر تەڭرىقۇت ئۆزىدىكى ئېھتىياتچانلىقنى بىرياققا قايرىپ قۇيۇپ، خاتىرجەم ھالدا،<<قۇدىلىشىش>> نىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي چىگرا رايۇنلارنى خالىغانچە بۇلاپ-تالىدى.

    داۋامى مۇھىم بولمىغانلىقتىن قىسقارتىلدى.

    مەنبە: http://war.news.163.com/09/1027/18/5MLC84CQ00011MSF.html

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر