كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-29

    قولدىن چىقىرىپ قويغان تارىخىي پەيىت (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    بەيدىڭ مۇھاسىرسى ھون-خەن ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ پەيىت.ھونلار ۋە يېڭى قۇرۇلغان خەن ئىمپىريىسىدەك بۇنداق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن دۆلەت يېڭى قۇرۇلغان چاغدىكى ھەرقانداق چوڭ ئىش ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەيدىڭ مۇھاسىرسىنى خەن ئىمپىرىيىسىنىڭ ھايات-ماماتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش دىيىشكە بۇلىدۇ.شۇڭا خەن ۋۇدى ھونلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ غەلبە قازانغان بولسىمۇ،ئەمما بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن.

    بەيدىڭ مۇھاسىرسىدىن خەنزۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنۋالدى.ئۇلار ئاجىز ۋاقىتلىرىدا ھاقارەتكە چىداپ تۇرۇپ،تىنىچلىق يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.نەتىنجىدە تالاش-تارتىش تۈگىمىگەن <<قۇدىلىشىش سىياسىتى>> مەيدانغا كەلدى.يەنى خەن سۇلالىسى پادىشاھى قىزىنى ھون تەڭرىقۇتىغا ئالچىلىققا بىرەتتى.بۇ سىياسەت بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىنسانپەرۋەرلىك مىزانىغا يات قىلمىش قارىلىپ،ئاياللار ھوقوقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىشى ئىنىق.بىراق ھەممە كىشى جان قايغۇسىدا،ھاكىميەت خەۋپ ئاسىتىدا قالغان قالايمىقان دەۋردە قۇدۇلۇشۇش ئۇرۇش خەۋپىنى يوقۇتۇپ،دۆلەتنى بالايى-ئاپەتتىن ساقلاپ قالالايدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل ئىدى.شۇ سەۋەپتىن ئەينى دەۋردە نۇرغۇن ئەقىللىق گۈزەل رەنالار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياتلىق بۇلۇشنى ئىستەيتى.

    <<قۇدىلىشىش سىياسىتى>> ليۇ جىڭ ئىسىملىك يىراقنى كۆرەر مويسىپىتنىڭ قۇلىدىن چىققان ئىدى.ئۇ خېلى بۇرۇنلا خەن سۇلالىسىنىڭ ھونلارغا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى،شۇڭا ئۇ ھازىرغىچە تالاش-تارتىش بېسىقنايۋاتقان <<قۇدىلىشىش سىياسى>>نى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.يەنى لۈ خانىشنىڭ بىردىنبىر قىزى-چوڭ مەلىكىنى ھونلاغا ياتلىق قىلىش ئىدى،ئۇ ليۇ باڭغا: چوڭ مەلىكە ھونلارغا ياتلىق قىلىنسا خەن سۇلالىسىنىڭ سەمىميىتى ئىپادىلىنىدۇ،ئەگەر خان جەمەتىدىكى بىرەر قىزنى ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ھونلار بايقاپ قالسا، گىپىمىزدە تۇرمىغان بۇلۇپ قالىمىز،بۇنىڭ بىلەن ئەجرىمىز بىكار بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن تەبىقىدىن كىلىپ چىققان ئالچىنى ھونلار قانداقمۇ ھۆرمەت قىلسۇن؟بۇنداق ئالچى يەنە قانداق قىلىپ ئىسېل ئورۇنغا ئولتۇرالىسۇن؟بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا تەڭرىقۇت بۇلالمايدۇ-دە،ھون-خەن تىنىچلىقى ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدۇ.بۇنداق قۇدۇلاشقاندىن قۇدىلاشمىغان تۈزۈك،دىدى.ئەمما،لۈ خانىشنىڭ يىغىسى ليۇباڭنىڭ قۇلاق-مىڭىسىنى يەپ بولدى.ئاخىرىدا خەن سۇلالىسى خان جەمەتىدىن بىر قىزنى مەلىكە نامىدا قۇدىلىششقا ئەۋەتتى،ليۇ جىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ بىرگە ماڭدى.شۇنىڭدىن باشلاپ ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسى قېرىنداش بۇلۇشۇپ،سەدىچىننى چىگرا قىلىشتى.

     شۇنىڭدىن باشلاپ <<قۇدىلىشىش سىياسىتى>> غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى دۆلەت سىياسىتى بۇلۇپ قالدى.خەن گاۋزۇدىن كىيىنكى خۇيدى،ۋېندى،جىڭدى ۋە ياش خەن ۋۇدىلار بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىپ ماڭدى. ھونلارنىڭ قۇدىلىشىش سىياسىتنى يولغا قۇيۇشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى يۇمشىتىدىغان سىياسىي مۇددىئاسىدىن باشقا،بەلگىلىك ئىقتىسادىي مۇددىئامۇ بار ئىدى.چۈنكى قۇدىلىشىش ئەھدىدە،مەلىكە ھونلارغا ياتلىق بولسا چوقۇم بەلگىلىك قىز مېلى ئېلىپ كىلىشى كېرەك دەپ ئىنىق يېزىلغان ئىدى.بۇ قىز مېلىنىڭ قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى،ھونلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش قىلىپ يۈرمەيلا نۇرغۇن مال-دۇنياغا ئىرىشەلەيتى.ئۇنىڭدىن باشقا،ھون زىمنىغا چىگىرداش جايلاردا سودا ئورۇنلىرى تەسىس قىلىندىغان بۇلۇپ،ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى كىرىپ-چىقىشتا توسالغۇغا ئۇچۇرمايتى،بۇنىڭ بىلەن ئاپەت يۈز بەرگەن قىيىنچىلىق چاغلاردىمۇ ھونلار قولىدىكى مال-چارۋىلىرىنى ئۆزىگە كېرەكىلك بولغان ئاشلىققا ئالماشتۇرالايتى.يەنە بىر تەرەپتىن خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلغار ھۈنەر-سەنئىتى مەلىكە بىلەن بىرلىكتە يايلاققا كىلەتتى،بۇ ھونلارنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن  پايدىلىق ئىدى.

    ئەلۋەتتە،<<قۇدىلىشىش سىياسىتى>>نىڭ ئۈنۈمى ئۇزۇن يىللاردىن كىيىن ئاندىن بىلىنەتتى،ئەينى چاغدىكى باتۇر تەڭرىقۇت بۇ تەرىپىنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىدى.قارايدىغان بولساق،بەيدىڭ مۇھاسىرسىدە باتۇر تەڭرىقۇت خەن گاۋزۇنى ۋە ئۇنىڭ نەچچە تۈمەن ئەسكىرىنى يوقاتقان بولسا،خەن سۇلالىسە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلەتتى،بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھونلار جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئالغان بولسا،ھون ئىمپىريىسى ئەينى دەۋردىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي دۆلەت بۇلۇپ قالاتتى.ئەمما شۇنچە ئەقىللىق باتۇر تەڭرىقۇت نىمە ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كىچىپ،قۇدىلىشىشقا ماقۇل بۇلىدۇ؟

    سىپاچيەننىڭ قارىشىچە،بۇ تۆھپە چېن پىڭغا مەنسۇپ ئىكەن.خەن گاۋزۇ بەيدېڭدا مۇھاسىرە ئىچىدە قالغاندا چېن پىڭ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسىغا پارا بىرىپ،ئۇ ئارقىلىق خەن سۇلالىسى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ قۇيۇش توغرىسىدا ئەقىل كۆرسەتتى.ئالچى باتۇر تەڭرىقۇتقا <<ئىككى ئەل پادىشاھلىرى ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ يۈرسە ياخشى بولمايدۇ،سەن گەرچە خەن يېرىنى ئىگەللىيەلىسەڭمۇ ئەمما ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرالمايسەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە خەن پادىشاھىنى قويدايدىغان ئىلاھى بار ئىكەن،چېقىلىشقا بولمايدۇ>> دىدى.شۇنىڭ بىلەن باتۇر تەڭرىقۇت مۇھاسىرنىڭ بىر بۈلۈكىنى ئېچىپ بەردى،خەن قۇشۇنلىرى بۇ يۇچۇقتىن مۇۋاپىقىيەتلىك بۈسۈپ چىقتى.ئالچىغا سۈنگىتىلگەن بۇ ھىساپسىز مال- دۇنيانىڭ قانداق قىلىپ،باتۇر تەڭرىقۇتىڭ قاتمۇ-قات مۇھاسىرسى ئىچىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ چىقىلىپ ئالچى قولىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى دىمەيلا قۇيايلى،ئالچىنىڭ باتۇر تەڭرىقۇتقا ئېيتىقان سۆزى بويىنچە بولغاندا باتۇر تەڭرىقۇت ئىلاھقا ئىشىنىدىغان ئادەم بۇلىدۇ.ئەگەر راس شۇنداق بولغاندا،ئۇ ئاۋازلىق ئوقيا ئارقىلىق دادىسىنى ئۆلتۈرەرمىدى؟ ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟زادى نىمە ئۇنى تېپىلغۇسىز بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇشقا سەۋەپ بولدى؟

    داۋامى بار.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر