كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-10-15

    تۈركىيىدىكى تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت - [ئۇيغۇر تارىخى]

    تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانىلىرىگە قانداق كىلىپ قالغان؟

    ئوسمان فىكرى سەرتكايا

    تۈركىيىدىكى بىرقانچە كۈتۈپخانىدا ئىسلاميەت دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر ۋە بەزى ئۆرنەكلەر ساقلىنۋاتىدۇ.ئىسلامىيەت دەۋرىدە يېزىلغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەمەس،بەلكى شەرق تۈركچىسى(ئۇيغۇر چاغاتايچە) ۋە شىمال تۈركچىسى(قىپچاقچە) ئالاھىدىلىككە ئىگە.

    تۈركىيىدىكى كۈتۈپخانلاردا ئىسلامىيەت دەۋرىدە يېزىلغان ھۆججەتلەردىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلككە ئىگە تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەتلەرمۇ بار. بۇ ھۆججەتلەرنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىشقا بۇلىدۇ.

    1.‹‹ۋاجراچېدىكا-پراجناپارامىتا سۇترا››دىن ئوسمان ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىنغان بىر ۋاراق (ئىستانبول،ئارخېئولوگىيە كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخا).

    2.ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلار.

    3.ئەنقەرە ئېتنوگروپىيە موزېيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلار.

    4.ھەممىمىزگە مەلۇملۇق،گېرمانىيە ئالىملىرى 1903-1914-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆت قېتىم زور كۆلەملىك قىدىرىپ-تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە قېزىۋالغان ئاسار-ئەتىقىلەر بېرلىن،پارىژ،لوندون،سىتوھكولىم،ھىلىسىنكى، يېڭى دىھلى،سانكىت پېتربورگ،بېيجىڭ ۋە سېئول،كيوتودىكى كۈتۈپخانىلارغا توشوپ كىتىلگەن.بۇ قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە تېپىلغان يادىكارلىقلاردىن ئاران %25 نەشىر قىلىنغان.

    گىرمانىيە ئالىملىرىنىڭ تۆت قېتىملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا باشقىلارغا يازغان خەتلىرى 16 توپلام ھالىتىدە بېرلىندا ساقلىنۋاتىدۇ.بىرىنچىسىدىن 15 غىچە بولغان توپلاملارغا 1899-يىلىدىن 1918-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يازغان خەتلەر كىرگۈزۈلگەن.16-توپلام بولسا يېزىلغان ۋاختى خاتىرلەنمىگەن بۇلۇپ، 1918-يىلىدىن كېيىن يېزىلغان خەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

    5.توپلامدا فون.لېكوكنىڭ ئىمزاسى بار بىرپارچە خەت بىلەن بىر پارچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ فوتو سۈرىتى بار خەتتە:‹‹تۇرپان ئويمانلىقى 59-نۇمۇرلۇق،ئىستانبولدىكى جانابى ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن قىزىل ۋە قارا سىياھتا يېزىلغان گۈزەل قەدىمكى ئۇيغۇر كىتابىنىڭ بىر بېتى، 1908-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرلىن،ئالبېرت لېكوك.››

    بۇ خەتتە لېكوكنىڭ قولى بىلەن،ئەشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

    ئوسمان ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتلىگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ بۇ بېتىنىڭ باشقا بىر نۇسخىسى ‹‹تۇرپان تېكىستلىرى›› مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى كىتابىدا ‹‹ئالتۇن يارۇق›› تېمىسىدا جورجى ھازاي بىلەن پېتېر زېيمې تەييارلاپ نەشىر قىلدۇرغان ئەسەر (1971-يىلى،بېرلىن)نىڭ 39-بېتى 182- 195-قۇرلار ئارىسىدا ئۇچرايدۇ.

    1908-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى فون.لېكوك بېرلىندىن ئىستانبولغا ئەۋەتكەن،ھازىرغىچە قايسى مۇزىيدا ساقلىنۋاتقانلىقى مەلۇم بولمىغان بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە كۈچۈرۈلمە بىربەت تېكىست ئۈچۈن 1909-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ھالىل ئەدھىم لېكوكقا مۇنداق تەشەككۇر مەكتۇبى ئەۋەتكەن:‹‹ ناھايتى ھۆرمەتلىك باش مۇدىر ئەپەندى،مەن ئۈچۈن تاللىۋالغۇدەك بۈيۈك بىر دوستلۇق ئۈلگىسىنى كۆرسەتتىڭىز،قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستنى سىزنىڭ نامىڭىزدا ماڭا بەردى.بۇ يادىكارلىقنىڭ قىممىتىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئاز ئۇچرايدىغان بۇ يادىكارلىقنى مۇزېيمىزغا قويدۇردۇم.مۇزىيمىز نامىدىن ھەم شەخسىي نامىمدىن سىز ھۆرمەتلىك مۇدىرغا،بۇ قىممەتلىك ھەدىيە ئۈچۈن،ئەڭ سەمىمىي تەشەككۇرلىرىمنى بىلدۈرىشىمگە ئىجازەت بەرسىڭىز.

                                            ئالىي ئىھتىرام بىلەن ھالىل ئەدھىم

                               1909-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستانبول

    دىمەككى،تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانلىرىگە مۇشۇنداق يوللار بىلەن كەلگەن.

    مەنبە:تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى 2008-يىل 1-سانى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسلى ماقالىدە رەسىم يوق. ماقالىنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئۆمەرجان نۇرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى!!!!!!!!
  • ئېسىل يوللنمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم، رەسىمىنى يوللىغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.
    ھونزادە 回复چەۋەندازلار说:
    سىز ئۆگتكەن بويىنچە بىرىنچى قېتىم سىناپ بېقىشىم رەھمەت.
    2010-10-19 19:21:43
  • ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىمىتىگە ئىگە ماقالە ئىكەن. 
    ھونزادە 回复تۇرانىم说:
    باھا بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر قېرىندىشىم،يەنە كىلىپ تۇرغايسىز.
    2010-10-19 19:20:08
  • شەخىس مەخسۇس بىلوگ ئۇلىنىش بىلوگى زىيارەت قىلشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ!!!

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر