كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-05-06

    "شيوڭنۇ" قاتارلىق ئىسىملارنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدىكى تەرجىمىسى (داۋامى) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى "شيوڭنۇ" قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى قايسى سۆزلەرگە ماس كېلىدىغانلىغىنى ئېنىق بىلگەن. 10-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تەرجىمان "شيوڭنۇ"لارنى "تۈرك يوچۇل بودۇن " (كۆچمەن تۈركلەر)، ئۆزىنىڭ تىلىنى "تۈرك تىلى" ياكى "تۈرك-ئۇيغۇر تىلى" دەپ ئاتىغان. بۇ بىزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئاتىشىنى تەتقىق قىلىشىمىزغا ۋە تارىختا ئۆتكەن ئەتراپتىكى مىللەتلەرنى تونۇشىمىزغا نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە.
    ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى ئەسلى تېكىستنى تەرجىمە قىلغان چاغدا بەزى بىشارەت خارەكتىرلىك مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەن. مەسىلەن تەرجىمان ئۇيغۇرچە "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ 6-جىلد 44-بېتىدە : "بىشىنچ تۈرك يوچۇل بودۇن ئەرتىڭۈ كۆترۈلتى، ئۈستۈنكى ئىل ئۇلۇشلار، تۆرۈسىن ئىچقىنتى" (مەنىسى: بەشىنچى، شيوڭنۇلار ناھايىتى مەغرۇرلۇق بىلەن ئرنىدىن تۇردى، ئۇلار بۈيۈك ئەلنىڭ قانۇنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى) دەپ يازىدۇ. ئەمىليەتتە خەنزۇچە ئەسلى تېكىستتىكى بۇ بىر ئابزاس
      
    شۇەنزاڭ ئېيتقان راھىپلىقتىن قول ئۈزۈپ ھاكىميەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماسلىغىنىڭ بەشىنچى سەۋەبى بىلەن باشلىنىدۇ.
    ئۇ تارىختىن نەقىل كەلتۈرۈپ “
    高丽小蕃失礼上国,隋帝总天下之师,三自征发ئاخىرى “虚丧六军狼狈而返
    ” بولغانلىغىدەك تارىخىي ساۋاقنى ئەسلىتىدۇ، بۇنىڭ شيوڭنۇلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋېتى يوق. لېكىن تەرجىمان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا يۇقىرىدىكى خەنزۇچە مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان تەرجىمىنى كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى شيوڭنۇلارغا ئائىت يۇقىرىدىكى مەزمۇننى قاتىدۇ.
    بۇنىڭدىن باشقا تەرجىماننىڭ بەزى مىللەت، يەر ناملىرى ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى تەرجىمە قىلىشىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. مەسىلەن “
    酆,镐”دېگەنلەرنى "قۇتلۇغ چۇنان"(مۇقەددەس چاڭئەن)دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.بۇ يەردە تەرجىمان “ 酆,镐”دېگەن  سۆزلەرنىڭ ئالدىغا "قۇتلۇغ"دېگەن سۈپەتنى قاتقان. بۇنىڭدىن تەرجىماننىڭ يۇقىرىقى ئىككى جاي ئىسمىنىڭ مۇھىم تارىخىي ئورنىغا بولغان تونۇشىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
    卫、霍尽力”دېگەن جۈملىنى تەرجىمە قىلغاندا تەرجىمان ئەسلى تېكىستنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىدۇ، تەرجىمە تېكىستىدە نامى تارىخقا يېزىلغان مەشھۇر گېنېرال ۋېيچىڭ بىلەن خو چۈيبىڭنىڭ ئىسمى كۆرۈلمەيدۇ، مۇناسىپ مەزمۇن "قاماغ كۈچىن ئۆنتۈرۈپ" (بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىپ) دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ،“中国
    ”بولسا "ئورتۇن ئىل ئۇلۇش" (ئوتتۇرا ئەل، ئوتتۇرا ئىقلىم) دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇرچىدىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەرجىمىسى بولغان "تاۋغاچ" دېگەن سۆزدىن پەرقلىنىدۇ.
    ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە كۆرۈلىدىغان "تۈپۈت" بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىدىكى “
    吐蕃”لارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خەنزۇچە تېكىستتە  吐蕃”غا ئالاقىدار مەزمۇنلار يوق.
    ئەسلى تېكىستتىكى
      单于弓骑之人” نىڭ يېنىغا "قىرقىز يا مىڭۈلۈك كىشىلەر" (قىرغىز ۋە ئاتلىق ئوقياچىلار)دەپ  تەرجىمە قىلىدۇ. تەرجىمان بۇ يەردە خەنزۇچە “单于”دېگەن سۆز ماس كېلىدىغان ئورۇنغا "قىرقىز" دەپ ئالىدۇ، ئۇنىڭ مەزمۇن ئۆزگەرتىش سەۋەبىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
    تەرجىمان خەنزۇچە تېكىستتىكى “
    俱充臣妾”دېگەن  جۈملىنىڭ مەسەلىي مەنىسىنى توپ-تولۇپ چۈشەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ "كىشىلەر يۇمقى ئىچ ئىچەرەكى بولتىلار"( كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەل بولدى) دەپ تەرجىمە قىلىدۇ، بۇ تەرجىماننىڭ سەۋىيىسىنى نامايەن قىلىدۇ.
    تەرجىمان ئەسلى تېكىستتىكى“
    充委夷邸” نى "تولۇ ياتۇر ئۈچ بالىقلارتا" (ئۈچ شەھەردە تولۇپ ياتىدۇ) دەپ تەرجىمە قىلىدۇ ھەمدە ئەتەي "ئۈچ بالىقلار"نى گەۋدىلەندۈرۈپ، تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلىتىدۇ. خەن، تاڭ دەۋرىدە شىمالدىكى چېگرا  
    جايلاردا ئەل بولغان شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان. تاڭ دەۋرىدە بۈگۈنكى ئوردۇسنىڭ شىمالىدا تۈركلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن شەرق، غەرپ ۋە ئوتۇرا ئۈچ ئەل بولغان شەھەر بەرپا قىلىنغان. بۇ بىر بۆلەكنىڭ تەرجىمىسى ئاپتورنىڭ جوڭگۇ تارىخىغا ئىنتايىن تونۇش ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ.
    يۇقىرىدىكى تەھلىللەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، تەرجىمان سىڭقۇ سەلى بۇددا ئىلمىنى چوڭقۇر بىلىپلا قالماستىن يەنە سىياسىي، تارىخ ۋە مەدىنيەت بىلىملىرىنىمۇ پىششىق بىلىدۇ.
    بۇ يەردە مۇئەللىپ 'جىننامە" نىڭ 95-جىلدى “
    佛图澄传
    ”دىكى بىر ئابزاس ئەھمىيەتلىك خاتىرىنى پايدىلىنىشقا سۇنماقچى:
    澄曰:相轮铃音运:秀支替戾冈,仆谷劬秃当。此羯语也。秀支,军也。替戾冈,出也。仆谷,刘曜胡位也。劬秃当,捉也。此言军出捉得刘曜也
    بۇ ئابزاسنى ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى كۆپ تەتقىق قىلغان. روسىيىلىك تىلشۇناس تېنېشېفمۇ شيوڭنۇ تىلى توغرىسىدا ئىزدەنگەن.
    روسىيىلىك تىلشۇناس شىرۋاشىدزې ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا خەنزۇچە شېئىر
    秀支替戾冈,仆谷劬秃当  
    تۈۋەندىكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرگەن:
    خەنزۇچە شەكلى:
    秀支替戾冈,仆谷劬秃当

    قەدىمقى خەنزۇچىدە چۈشەندۈرىلىشى:
    秀支,军也。替戾冈,出也。仆谷,刘曜胡位也。劬秃当,捉也
    ئەسلى تىلغا قايتۇرۇلىشى:
    sükä tal’ïqtïŋ, buquγ qodï qo(d)tïŋ
    تەرجىمىسى: ئەسكەر چىقىرىپ بۇقۇغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاڭلار!
    (دىققەت: رامستېت بۇنى مۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرگەن:
    kaŋ bügüg tutaŋïsükä tal
    مەنىسى:ئۇرۇشقا چىقىڭلار!بۈگۈنى تۇتۇڭلار!
    تالات تېكىننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىنى:
    sükä tïlïkaŋ bugugkï tuktaŋ
    مەنىسى:ئۇرۇشقا چىقىڭلار! بۇغۇقنى تۇتۇڭلار!______تەرجىماندىن)
    شىرۋاشىدزې (جۈملىدىن رامستېت ۋە تالات تېكىن___تەرجىماندىن)  سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنپ يۇقىرىقى شېئىرنى ئەسلى تىلغا ياندۇرۇپ ئۇنىڭ  قەدىمقى تۈرك تىلى ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىقتى. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ،شىرۋاشىدزې ئەسلىگە كەلتۈرگەن قەدىمقى تۈرك تىلىنىڭ مەزمۇنى ئەسلى تېكىستتىكى ئىككى مىسرا شېئىرنىڭ خەنزۇچە يەشمىسى “
    此言军出捉得刘曜也” غا تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
    4. خۇلاسە
    يېقىنقى يىللاردا تىلشۇناسلىق،قەدىمى ھۆججەتشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق ۋە باشقا پەنلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرىلىشى قەدىمقى زامان ۋە تارىختىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ تىلى، جەمىيىتى، كۆچۈش پائالىيىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقاتلارنى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈردى. "شيوڭنۇ" تىلىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ باشقا تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل تىلشۇناسلار كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مۇھىم ساھە بولۇپ كەلدى. تەتقىقاتچىلار  "شيوڭنۇ"لارنىڭ تىلىنى چۈشەندۈرۈپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئەسلى قىياپىتىگە ياندۇرماقچى بولدى. جوڭگۇ ۋە غەرپنىڭ تارىخلىرىدا تىلغا ئېلىنغان "شيوڭنۇ"لار ۋە باشقا قەدىمى مىللەتلەر كىتاپ بەتلىرىدىن بارا-بارا "يوقاش" بىلەن بىرگە يەنە ئوخشىمىغان نامدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر تارىخىي خاتىرىلەردە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. تارىختىكى ۋە ھازىرقى تىللار ۋە دېئالىكېتلارنى ھەمدە بۇ تىللارغا يۈكلەنگەن تارىخنى تەتقىق قىلىش قەدىمقى "شيوڭنۇ"لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىختا "غايىپ بولغان" مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدىنيىتى، ئىجتىمائى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى ئۈنۈملۈك يول دەپ قارالدى. مەسىلەن داڭلىق روسىيە ئالىمى باسكاكوف "شيوڭنۇ قەبىلە ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن شەرقىي، غەربىي تۈرك تىللىق قەبىلىلەرگە ئايرىلىپ، ھەرقايسىسى مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە تۈركىي تىللارنىڭ ئىككى تارمىقىغا يەنى غەبىي ھۇن تىلى تارمىغى ۋە شەرقىي ھۇن تىلى تارمىقىغا بۆلۈندى. غەربىي ھۇن تىلى تارمىقى تەرەققى قىلىپ بۇلغار، ئۇغۇز، قىپچاق ۋە قارلۇق تىل گۇرۇپپىلىرىغا ئايرىلدى، غەربىي ھۇن تىلى تارمىغى چۇۋاش تىلى، گاگاۋۇز تىلى، ئەزەربەيجان تىلى، تۇركىيە تۈركچىسى، قىرىم تاتار تىلى، نوغاي تىلى، تۈركمەن تىلى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي ھۇن تىلى تارمىغى تەرەققى قىلىپ ئۇيغۇر-ئۇغۇز ۋى قىپچاق-قىرغىز تىل گۇرۇپپىسىغا بۆلۈندى، شەرقىي ھۇن تىلى تارمىغى قەدىمقى ئۇغۇز،ئۇيغۇر تىلى ۋە ياقۇت، تۇۋا، خاكاس، قىرغىز، چۇلىم تاتار تىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ قارىدى. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى قاتارلىق تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تۈركشۇناسلىرى تاماملىغان "تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىي سېلىشتۇرما گرامماتىكىسى" (فونېتىكا، مورفولوگىيە، سىنتاكسىس، لېكسىكا، تىل جۇغراپىيىسىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرىلىشى قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۈرۈشلۈك كىتابىنىڭ ئۇدا نەشر قىلىنىشى  تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدىكى زور نەتىجىلەردۇر. بۇ بىر يۈرۈش ئەسەرلەردە تىلشۇناسلار ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلىغىدىكى تارىختا مۇھىم تەسىرى بولغان تۈركىي تىللارنى فونېتىكا، مورفولوگىيە، سىنتاكسىس ۋە تىل جۇغراپىيىسى قاتارلىق نۇقتىلاردىن سېلىشتۇرۇش بىلەن بىرگە "ئىپتىدائى تۈرك تىلى"نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ بىزنىڭ قەدىمقى ئىچكى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشىمىزگە نىسبەتەن مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.
    100 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تىل مەدىنىيەت ئالىملىرى ۋە تارىخشۇناسلىرى نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىپ قەدىمقى ھۇنلارنىڭ مىللەت مەنبەسى ۋە مىللەت تەۋەلىگىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەتقىق قىلدى. مۇئەللىپ شيوڭنۇلار ئۇزۇن تارىختا ئوخشىمىغان مىللەت ۋە تىللارنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىي تىللارغا تەۋە تىللارمۇ بار، تارىختىكى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن شيوڭنۇلارنىڭ تىلى، مىللەت مەنبەسى، شەكىللىنىشى، تارقىلىشى ۋە كۆچۈشى ھەمدە يازما خاتىرىلەردىن پەيدىنپەي "يوقاش" سەۋەبىنى پۈتكۈل ياۋرو-ئاسىيا تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىدىكى ئىجتىمائى، سىياسىي، مەدىنيەت، تىل، مىللەتلەر كۆچۈشى قاتارلىق كاتېگورىيىلەر تەۋەسىدە تەھلىل قىلىش كېرەك، شۇنداقلا كۆپ خىل ئىلىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى ئارقىلىقلا ئاندىن تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىلشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، تارىخ، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، قەدىمىي ھۆججەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالىملار يېقىندىن ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن شيوڭنۇلار ۋە ئۇلار ياشىغان دەۋرنىڭ سىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى" نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بۇ جەھەتتە بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.10 -ئەسىدە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىم سىڭقۇ سەلىنىڭ خەنزۇچە مەتنىدىكى "شيوڭنۇ" ۋە باشقا قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر ناملىرىنى تەرجىمە قىلغان چاغدىكى تونۇشى ھازىرقى تىتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ قەدىمقى "شيوڭنۇ"لارنىڭ تىلى ۋە مىللەت مەنبەسىنى ھۆكۈم قىلىشى جەھەتتە شۈبھىسىزكى مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر