كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-05-07

    ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات يۈزلىنىشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    1. كىرىش سۆز



    ياپونىيە نۆۋەتتە غەربىي دىيار شىنجاڭنى تەتقىق قىلىش (ئۇيغۇرشۇناسلىق)  جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەت. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى ياپونىيەدە بۇرۇندىنلا   شەرقسۇناسلىق ئەنئەنىسى بار؛ ئىككىنچىسى ئوتانى تەكشۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭدىن ناھايىتى كۆپ قەدىمقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يازما پۈتۈكلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. ياپونىيەدىكى شەرقشۇناسلىق ياپونىيەدە مىللىتارىزىمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن گۈللەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا يەنە ”جۇڭگوشۇناسلىق“  دەپمۇ ئاتالغان. ئەلۋەتتە بۇ تەتقىقاتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇرۇنقى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.
    ياپونىيەدە گەرچە ھازىر ”ئۇيغۇرشۇناسلىق“ دەيدىغان مەخسۇس ئىلمىي ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، لېكىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان كۈچلۈك ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بار، ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىدىغان ساھەلىرى كۆپ، تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ مەخسۇسلۇق دەرىجىسى ۋە ئىنچىكىلىكى يۇقۇرى بولۇش جەھەتتە، ياۋروپا ئامېرىكا ئالىملىرىغا يەتمىسىمۇ لېكىن ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ. ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى شىنجاڭ مەسىلىسى تەتقىقاتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ياپونىيەدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بولسا غەربىي يۇرت تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى.
    ياپونىيەنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
    بىرىنچى باسقۇچى ئالدىنقى ئەسىردىكى 1910- يىللاردىن 1930- يىللارغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە ئاساسلىق تەتقىقاتچىلار شىراتورى كۇراكىچى، ئىشىخاما جۈنتارو، ئونوگاۋا خىدېمى، خانېدا تورۇ. فۇجىتا تويوخاچى، ئىشىدا مىكىنوسۇكې، قاتارلىق ئالىملار ئىدى. بۇ دەۋردىكى تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى خەنزۇچە رەسمىي تارىخلارنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، بۇ جەھەتتە خانېدا تورۇنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ داڭلىق، ئۇ يالغۇز خەنزۇچە ماتېرىياللارغىلا تايىنىپ قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پېشىۋاسى دىيىشكە بولىدۇ.
    ئىككىنچى باسقۇچى 1940- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە ئالدىنقى دەۋردىكى ئالىملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسىلەن: ماسۇدا خىسائو، ئېگامى نامىئو، ئېنوكى كازۇئو، ئۇچىدا گىنپۇ، خانېدا ئاكىرا، ساكۇچى تورۇ، مورى ماسائو، يامادا سازۇئو، ئاكىرا فۇجىئېدا قاتارلىقلار. بۇ ئالىملار بىرىنچى باسقۇچتىكى تەتقىقات مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشتىن سىرت يەنە، غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى ۋە تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەھەتتە يېڭى بىر سەۋىيە يارىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان تارىخى ماتېرىياللارغا بولغان قىزىقىشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.
    ئۈچۈنچى باسقۇچى بولسا 1970- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە بىر قىسىم ياش ئالىملار مەيدانغا كەلدى مەسىلەن: ناگاساۋا كازۇتوشى، ئىكېدا ئون، مانو ئېيجى، ياماگۇچى زۇيخوئۇ، ئۇمېمۇرا خىروشى، مورىياسۇ تاكائو، خورى نائو، خورىكاۋاگىرې، شوگايتو ماساخىرو، كۇدارا كوگى، ئودا جۇتېن، خامادا ماسامى، ئوچىئائى مورىكازۇ، ئوچىئائى مورىكازۇ قاتارلىقلار، بۇ ئالىملارنىڭ بەلگىلىك خەنزۇ تىلى ئاساسى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمقى تىللارنى يەنى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى قاتارلىق تىللارنى پىششىق بىلىدۇ. ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ تىلىنى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىنى بىلىش ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى
      
    ۋە بۇندىن كېيىنكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ۋە ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. بۇ ئېلىمىزدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا تېگىشلىك.
    ياپونىيەنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئاساسلىقى تارىخ تەتقىقاتىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇرۇن غەرپ ئالىملىرىنى دوراپ غەرپ تىللىرىدىكى ۋە خەنزۇ تىللىرىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە خەنزۇچە يازما يادىكارلىقلارنى تەنقىت قىلىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ساندىكى نادىر ماقالىلارنى يازغان. لېكىن مەيلى خەنزۇ تىلىدىكى ماتېرىياللار ياكى ئەرەپ تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ كەمچىلىكى بولغاچقا، غەربىي يۇرت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا چوقۇم غەربىي يۇرتنىڭ ئۆزىدىكى ئەسلى ماتېرىياللار ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئاساسەن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنى: (1) ئەسلى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش، مەسىلەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، تۈرك يېزىقى، تىبەت يېزىقى، دەشت ئاتا، تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، چاغاتاي يېزىقى ۋە خوتەن پۈتۈكلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش؛ (2) يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش؛ (3) رايون خارەكتىرلىك ئىجتىمائىي ئۇنۋېرسال تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يەنى ئەسلىدىكى ماتېرىياللار بىلەن خەنزۇچە ماتېرىياللارنى بىرلەشتۈرۈپ، مەلۇم ئالاھىدە رايون، يەنى قۇجۇ، شاجۇ، بەشبالىق ۋە كۈسەن قاتارلىقلارنى ئۇنۋېرسال خارەكتىردە تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار.
    يېقىندىن بۇيان، ياپونىيەدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۈمكىن: (1) غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئىلمىي ماقالىلار. (2) تېپىلغان تارىخ ماتېرىياللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار. بۇ ياپونىيەدىكى ھازىر ئەڭ زور كۈچ چىقىرىلىۋاتقان تەتقىقات ساھەسى بولۇپ، بۇ جەھەتتە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار ھەققىدىكى تەتقىقات ئەڭ كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. (3) «مىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى» ۋە «چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى»دە بايان قىلىنغان مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىقات بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلاردا ياش ئالىملارنىڭ پائالىيىتى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلەردىن نەچچە مىڭى نەشر قىلىندى

    2. ئاساسلىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە نەشر ئەپكارلىرى



    .1
    شەرقى ئاسىيا مەدەنىيەت غەزىنىسى
    بۇ 1924- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تەۋەلىكىدە ئوننەچچە كوممېتېت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا (غەربىي يۇرتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىسلام دىنى، دەشت ئاتا يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش كوممېتېتى قاتارلىقلار بار. تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسەن ياپون ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ياپون تىلىدىكى قەرەللىك نەشر ئەپكارى شەرقىي ئوكيان ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا چىقىرىلىدىغان « شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى » بولۇپ (قوشۇمچە سانىنىڭ نامى «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسى يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»)، ئېنگىلىز تىلىدىكى قەرەلسىز نەشر ئەپكارى « شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ ياۋروپا تىللىرىدىكى ئەسەرلەردىن تاللانما ». شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسى مەخسۇس تېمىدىكى ئەسەردىن 60 خىلدىن ئارتۇقىنى نەشر قىلدۇردى. بۇندىن باشقا يەنە مەدەنىيەت غەزىنىسى يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمقى ھۆججەتلەرنى قايتا بېسىپ چىقتى ۋە كۆپەيتىپ «شەرقىي ئوكيان مەجمۇئەسى» دىگەن نام بىلەن ھازىرغىچە يۈز خىلدىن ئارتۇق نەشر قىلىندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار قەدىمقى ئەسەرلەرنى تەھرىرلەشنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. 1964- يىلىدىن بۇيان ئۇلار ئارقا ئارقىدىن 4- 5 توملۇق « سىتەيىننىڭ دەشت ئاتادىن تاپقان يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە غەربىي يۇرتتىن تېپىلغان خەنزۇ تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار تۈرلەر بويىچە ئايرىشنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالى»نى نەشر قىلدى. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ۋە ئىسلام تەتقىقات ئورنى يەنە «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئەرەپچە يازما يادىكارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كاتالوگى»نى (1974- يىلى) ۋە « شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسىدە ساقلانغان تۈركچە ۋە ئوسمان تۈركىيچە تىلدىكى يازما يادىكارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر كاتالوگى»نى تۈزۈپ چىقتى.
    2. توكيو ئۇنىۋېرسىتىتى شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى
    بۇ تەتقىقات ئورنى 1941- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئەڭ مەشھۇر ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىقى ئاسىيانىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى جەمىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ تەتقىقات ئورنى يەنە پان ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بەش تەتقىقات ئورنىغا ۋە ئون بىر تەتقىقات ئىشخانىسىغا بۆلۈنگەن، بۇندىن باشقا يەنە ”شەرقىي ئوكيان تەتقىقات مەركىزى“ تەسىس قىلىنغان. چىقىرىدىغان نەشر ئەپكارىدىن « شەرقىي ئوكيان مەسەنىيەت تەتقىقاتىدىن تاللانمىلار »، « شەرقىي ئوكيان مەدەنىيىتى » قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ نەشر ئەپكارلىرىدا دائىم دىگۈدەك غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.
    3. كىيوتو ئۇنۋېرسىتىتى فىلولوگىيە تەتقىقات ئورنى
    1939- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى فىلولوگىيە ئىلمىنى تەتقىق قىلىدۇ، لېكىن بۇ تەتقىقات ئورنى غەربىي يۇرت تەتقىقاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەتقىقات ئورنىدا ياپونىيە، شەرق ۋە غەرپ تەتقىقات ئورنىدىن ئىبارەت ئۈچ تەتقىقات ئورنى بولۇپ، شەرق تەتقىقات ئورنىدا يەنە دەشت ئاتا تەتقىقات ئىشخانىسى بار. بۇ تەتقىقات ئورنى چىقىرىدىغان نەشر ئاپكارلىرىدىن « شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى »، « فىلولوگىيە ئىلمىي ژورنىلىرى » ، « تاللانمىلار »، « شەرقشۇناسلىق ماتېرىياللار كاتالوگى » قاتارلىقلار بار
    4. توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرسىتىتى ئاسىيا ئافرىقا تىللىرى تىل مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى
    1965- يىلى قۇرۇلغان، ھازىر 16 تەتقىقات ئورنى بار، ئۇنىڭدا يەنە جۇڭگو 2- تەتقىقات ئورنى بولۇپ، ئاساسلىق تەتقىقات ئوبېكتى تىبەت، يىزۇ، جۇاڭزۇ تىللىرى ۋە جڭگودىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلار.
    5. شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتى
    ئۇ ياپونىيەدىكى داڭلىق ئىلمىي جەمىيىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىراجىتى دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش فوندىدىن كېلىدۇ. بۇ جەمىيەتنىڭ ئاساسلىق نەشر ئەپكارى « شەرقشۇناسلىق » ۋە غەرپ تىلىدىكى « ئاسىياشۇناسلىق » قاتارلىقلار.
    6. غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقات جەمىيىتى
    1953- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئاساسلىقى ئوتانى ئەكەلگەن يازما يادىكارلىقلار ۋە دەشت ئاتا يازما يادىكارلىقلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەتقىق قىلىدۇ. 1958- يىلىدىن 1962- يىلىغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى » دىگەن ئالتە توملۇق بۈيۈك ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. بۇنىڭ بىرىنچى تومى دەشت ئاتادىكى بۇددا دىنى تەتقىقاتى؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى تومى دەشت ئاتا ۋە تۇرپاننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ماتېرىياللىرى؛ تۆتىنچى تومى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى؛ بەشىنچى تومى غەربىي يۇرتنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تەتقىقات؛ ئالتىنچى تومى بولسا مىللىي تىل يېزىق تەتقىقاتىدىن ئىبارەت.
    7. ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتى
    بۇرۇنقى رەئىسى سۇڭتيەن شۇنەن. بۇ ئىلمىي جەمىيەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، يامادا سازۇئو (ۋاپات بولغان)، مورى ماسائو، ساكۇچى تورۇ، مورىياسۇ تاكائو، ئۇمېمۇرا خىروشى، شوگايتو ماساخىرو قاتارلىقلار مۇشۇ تەتقىقات ئورنىدا.
    8. ئالتايشۇناشلىق ئىلمىي جەمىيىتى
    1964- يىلى قۇرۇلغان. بۇ جەمىيەت ياپونىيەنىڭ ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتىنى (ئاساسلىقى تۈركى تىللار ۋە موڭغۇل تىل يېزىقى تەتقىقاتى) ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى يازدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىلىم ئالماشتۇرىلىدۇ.
    ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نەشر ئەپكارلىرى
    1. « شەرقىي ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى »
    2. « تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى »
    3. « شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى »
    4. « شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى »
    5. « شەرق ئىلمىي ژورنىلى »

    3. تارىخشۇناسلىق ۋە يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى
    <1> قەدىمقى زامان تارىخى ۋە قەدىمقى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى
    ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا خانېدا تورو (1882- 1955) ۋەكىللىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىككى تۈرگە يەنى تارىخشۇناسلىق ۋە ۋەسىقىشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ۋەسىقىشۇناسلىقتا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دىنىي ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
    1. ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى « تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات » مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى ”قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات“ دېگەن قىسىمىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خەت شەكلى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن ۋاقتى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھەم ئۇنىڭ يېزىق سېستىمىسى، تۈركەشلەر ۋە مانى دىنى مۇخلىسلىرى ئىشلەتكەن يېزىق، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر نامى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە.
    2. «گىراف ئوتانى ساقلىغان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئىزاھ» («شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى» 1- جىلد 2- سان، 1911- يىلى)
    3. «تۈركى تىلدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» ( «سەنئەت» 3- جىلد 2- سان، 1911- يىلى)
    4. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى < سەككىز يۈكمەك نوم> ھەققىدە » (« سەنئەت» 4 جىلد 2- سان، 1913- يىلى)
    5. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى» («تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى» 25- جىلد 6- سان، 1914- يىلى)
    6. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى < ساددارما پۇندارىكا سۇترا>نىڭ پارچىلىرى» («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى» 5- جىلد 3- سان، 1915- يىلى)
    7. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايال سېتىۋېلىش ھەققىدىكى ھۆججەت » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى» 6- جىلد 2- سان)
    8. « توققۇز ئۇيغۇر ۋە
    Toguz Oguz نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى » 9- جىلد 1- سان، 1919- يىلى)
    9. « ئۇيغۇر تىلىدىكى < ئابىداراما كۇشاۋاردى شاستىرغا ئەنخۇينىڭ بەرگەن شەرھىسى > ھەققىدە » ( « دوكتور شىراتورىنى خاتىرىلەش شەرقىي ئوكيان مەجمۇئەسى » 1925- يىلى)
    10. « تۇرپاندىن تېپىلغان مانىي دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئىستىخپار خاتىرىسىنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى » (« دوكتور كۇۋاخارانى خاتىرىلەش ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى » 1931- يىلى)
    11. « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخىدىن ئومۇمىي بايان » (خىروخومى نەشرىياتى 1931- يىلى)
    12. « مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىيىتى » (« ئىۋانامى لېكسىيىلىرى » ”شەرقىي ئوكيان ئىدىئولوگىيە دولقۇنى“ 14- سان )
    13. « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى » (زويۇباۋ تەھرىراتى نەشرى 1948- يىلى)
    14. « قەدىمقى تۈرك تىلىدىكى (بۇدداۋاتام ساكاماخاۋايپۇليا سۇترا) نىڭ پارچىلىرى » (« گۇەنشى ئۇنۋېرسىتېتى غەرپ، شەرق ئىلمىي تەتقىقات مەجمۇئەسى » 6- سان، 1953- يىلى)
    ئۇنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى كېيىن « دوكتور خانېدانىڭ تارىخشۇناسلىق ئەسەرلىرى توپلىمى »غا كىرگۈزۈلگەن. (شەرقىي ئوكيان تارىخشۇناسلىق مەجمۇئەسىنىڭ 3- سانى، بۇنىڭ بىرىنچى تومى تارىخ، ئىككىنچى تومى تىلشۇناسلىق ۋە دىن قىسىمى. شەرقىي ئوكيان تارىخى تەتقىقات ئورنى نەشرىياتى نەشرى، 1957- يىلى)
    ئىشىخارا جۈنتارومۇ ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇلاردىن ئاساسلىقى:
    1. « مەركىزىي ئاسىيا ھەققىدە تەتقىقات » («شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى» 5 – جىلد 1- سان، 1915- يىلى)
    2. « دۇنخۇاڭ قەدىمقى كىتاپلىرى ھەققىدە تەتقىقات » («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى»، 15 – جىلد 4- سان، 1926- يىلى)
    3. « ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇددا نوملىرى تەزكىرىسى » (« بۇددىزىم تەتقىقاتى » 1- جىلد 3- سان، 1937- يىلى)
    4. « ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرىنىڭ پارچىلىرى » («لوڭگۇ ئۇنۋېرسىتىتى بۇددىزىم تارىخ مەجمۇئەسى»، 1939- يىلى)
    5. « ئۇيغۇر يېزىقىدىكى پۈتۈك پارچىلىرى » (« دوكتور خانېدانى ئەسلەش مەجمۇئەسى » 1950- يىلى)
    6. « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت ماتېرىياللىرىنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى » (« ئۇنۋېرسال تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن تاللانما، 1954- يىلى)
    بۇنىڭدىن باشقا
      يەنە ئاساخىىنىڭ « ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى توپلىمى » (« دىنى ساھە » 6 – جىلد 2- سان، 1910- يىلى)؛ شىراتورى كۇراكېچىنىڭ « غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات (1- 4)» (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى» 1- جىلد 4- سان، 2- جىلد 1- سان، 3- جىلد 1- 2- سان)؛ ئىشىدا مىكىنوسۇكېنىڭ « لېكوك ئىدىقۇت قەدىمقى خارابىسىدىن تاپقان (تۈرك تىلىدىكى مانى دىنى ھۆججەتلىرى)نىڭ 2- قىسىمى » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى » 12- جىلد 3- سان، 1922- يىلى)؛ تارو كۇۋاتانىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ يىمىرىلىشى ھەققىدە تەتقىقات » (« شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى » 17- جىلد 1- سان، 1928- يىلى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەجەپ ياخشى .ېيجىڭدىمۇ بۇ بلوگ مەزمۇنىنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن.
  • بىلوگىڭىز ماڭا ياقتى، ئۆزۈمگە ئۇلىنىش قىلىۋالدىم. مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ.
  • بىلوگىڭىز ماڭا ياقتى، ئۆزۈمگە ئۇلىنىش قىلىۋالدىم. مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋېلىڭ.
    ھونزادە 回复pasahet说:
    رەھمەت قېرىندىشىم،يېقىندا ۋودپېرىسكە كۆچتۈم،ھازىرچە بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئىگەللەپ بۇلالمىدىم،ئۇزۇن قالماي ئۇلىنىش قىلۋالىمەن.
    www.honzade.com
    2011-05-27 15:19:32
  • بىلوگىڭىزدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن كۆپ سۆيۈندۈم. ھارماڭ!
    ھونزادە 回复رەشىد说:
    كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم،يەنە كىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2011-05-10 02:15:26
  • قىممەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم. كۆپ رەھمەت سىزگە. ياپونىيەنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى ھەقىيقەتەنمۇ چوڭقۇر ئىكەن.
    ھونزادە 回复چەۋەنداز说:
    ئەرزىمەيدۇ قېرىندىشىم،ياپۇنلىقلارنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتتى ھەقىقەتەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
    2011-05-11 20:15:34

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر