كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-05-02

    "شيوڭنۇ" قاتارلىق ئىسىملارنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچىدىكى تەرجىمىسى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە خەنزۇ تىلدىكى "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى" ۋە ئۇنىڭ 10-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەرجىمىسىگە ئاساسەن، خەنزۇچە ئەسلى تېكىست ۋە ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇلۇپ،ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردىكى "شيوڭنۇ"قاتارلىق قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ ئىسمى ۋە جۇغراپىيىلىك ناملارغا بولغان چۈشىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

    تارىختا شيوڭنۇلار خەنزۇچە ماتىرياللاردا ئوخشىمىغان ناملاردا تىلغا ئېلىنغان. جوۋ دەۋرىدە ئۇلار "خۇنيى،شۈنيۈ، شيەنيۈن"، چۇنچيۇ دەۋرىدە "روڭ، دى"، جەنگو، چىن، خەن دەۋرلىرىدىن بۇيان "خۇ" ياكى "شيوڭنۇ"، چىن، خەن دەۋرلىرىدىن بۇيان ئادەتتە "شيوڭنۇ" دەپ ئاتالغان. ۋاڭ گوۋېي "شاڭ، جوۋ دەۋرلىرىدىكى گۇيفاڭ، خۇنيى، شۈنيى، شيەنيۈنلەر، چۇنچيۇ دەۋرىدىكى روڭ، دىلار ۋە جەنگو دەۋرىدىكى خۇلارنىڭ ھەممىسى شيوڭنۇلار بىلەن بىر ئۇرۇقتىن، ئەمىليەتتە بىر مىللەتتۇر"دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە " 'گۇيفاڭ' دىكى 'فاڭ' ۋە 'خۇنيى' دىكى 'يى' نى خەنزۇلار ئۆزلىرى قېتىۋالغان" دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلىغىدىكى باشقا قەدىمىي مىللەتلەر "شيوڭنۇ"لارنى قانداق ئاتىغان؟ بۇ جەھەتتە، قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتلەر بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    بۇ ماقالىدە خەنزۇچە "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى" ۋە ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى "بۇدساتۋا سامىتسو ئاچارىنىڭ يورىغىن ئۇقىتماق سى ئېن چىن تىگمە نوم بىتىگ" ناملىق تەرجىمىسىگە ئاساسەن،خەنزۇچە ئەسلى تېكىستى بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى سېلىشتۇرۇلۇپ، بۇ كىتاپنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىسىنىڭ "شيوڭنۇ" قاتارلىق قەدىمقى مىللەتلەر ۋە جۇغراپىيىلىك ناملارنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىشارەت بەرگەن ئېتنىك مەنبە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى چۈشىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل قىلىنىدۇ.
    1. خەنزۇچە ماتىرياللاردىكى شىمالدىكى مىللەتلەرگە ئائىت خاتىرىلەر
    تاڭ سۇلالىسىدىكى شۇەنزاڭ ئېلىمىزدىكى داڭلىق سەيياھ، تەرجىمان ۋە بۇددا كالانى. خەنزۇچە يېزىلغان "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"
      
    شۇەنزاڭنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ئەڭ بالدۇرقى شۇنداقلا ئەڭ تەپسىلى خاتىرىدۇر. بۇ كىتاپنىڭ ئالدىنقى 5 جىلدى شۇەنزاڭنىڭ شاگىرتى خۇيلى شۇەنزاڭنىڭ نوم ئېلىپ كېلىش سەپىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، ئورىگىنال پۈتكەندىن كېيىن مەخپى ساقلىنىپ باشقىلارغا كۆرسىتىلمىگەن. خۇيلى ئۆلۈش ئالدىدا ئاندىن مۇخلىسلىرىغا بۇ كىتاپنى ئەلگە ئاشكارىلاشنى بۇيرۇغان. ۋۇزېتيەن چۇيگوڭنىڭ 4-يىلى (مىلادى 688-يىلى) شۇەنزاڭنىڭ يەنە بىر شاگىرتى يەنزوڭ بۇ 5 جىلدنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۆزى يەنە 5 جىلد تۈزۈپ (يەنى بۇ كىتاپنىڭ ئارقىسىدىكى 5 جلىد)، جەمى 10 جىلد قىلىپ "شامېن خۇيلى نۇسخىسى، يەنزوڭ يەشمىسى" دەپ نام بېرىدۇ. كىتاپتا شۇەنزاڭنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى تەپسىلى خاتىرىلەنگەن، بولۇپمۇ شۇەنزاڭنىڭ تاڭجېنگۇەننىڭ 3-يلىدىن 19-يىلىغىچە (مىلادى 629-يىلىدىن 645-يىلىغىچە) ھىندىستانغا بېرىپ نوم ئېلىپ كېلىش سەرگۈزەشتىسى، غەربىي رايون ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى ۋە دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىنكى ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتاپ ۋە شۇەنزاڭنىڭ يەنە بىر ئەسىرى "بۈيۈك تاڭ غەربىي رايون تەزكىرىسى" بىزنىڭ بۈگۈن غەربىي رايون ۋە ھىندىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىز جەھەتتە قىممەتلىك ماتېرىيال بولالايدۇ.
    19-ئەسىردىن بۇيان "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى" ئىنگىلىزچە، ياپونچە قاتارلىق كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى تەرىپىدىن كەڭ تەتقىق قىلىندى. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان
      "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ تېپىلىشى مىلادى 10-ئەسىردە بۇ ئەسەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى بىر ئۇيغۇر ئالىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ.

    تاڭ تەيزوڭ جېنگۇەننىڭ 18-يىلى (مىلادى 644-يىلى) شۇەنزاڭ ئۇدۇنغا قايتىپ كېلىپ، تاڭ تەيزوڭغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئەھۋالىنى دوكلاد قىلىدۇ. جېنگۇەننىڭ 9-يىلى (مىلادى 645-يىلى) نىڭ بېشىدا شۇەنزاڭ چاڭئەنگە يېتىپ بېرىپ داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنىدۇ. 2-ئايدا شۇەنزاڭ تاڭ تەيزوڭ بىلەن دىدار مۇلاقات بولىدۇ. تاڭ تەيزوڭ غەربىي يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا شۇەنزاڭ سۇدەك جاۋاپ بېرىپ، شاھقا نۇرغۇن تەدبىر پىكىرلەرنى بېرىدۇ. شىمال بىلەن غەربىي رايون ئارىلىغىدىكى تۈركلەر ئىزچىل تاڭ تەيزوڭنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چېگرا رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىۋاتقان ئىدى.جېنگۇەننىڭ 20-يىلى (مىلادى 646-يىلى) شۇەنزاڭنىڭ ئېيتىپ بېرىشى ۋە مۇنشىنىڭ خاتىرىلىشى، ئاخىرى شۇەنزاڭنىڭ ئۆزى تۈزىتىپ كۆرۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە "بۈيۈك تاڭ غەبىي رايون تەزكىرىسى"نىڭ 20 جىلدى تاماملىنىدۇ ۋە "غەربىي رايون تەزكىرىسى" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. جېنگۇەننىڭ 22-يىلى (مىلادى 648-يىلى) 6-ئايدا تاڭ تەيزوڭ شۇەنزاڭنى ئوردىغا كىرىشكە ئەمىر قىلىدۇ.
    بۇنىڭدىن بۇرۇن تاڭ تەيزوڭ شۇەنزاڭنىڭ راھىبلىقتىن قول ئۈزۈپ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشىنى كۆپ قېتىم ئۈمىت قىلغان بولسىمۇ، ھەر قېتىم سىپايىلارچە رەت قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىككىيلەن مۇڭدىشىش جەريانىدا ئەلنى ئىدارە قىلىش يوللىرى توغرىسىدا توختىلىدۇ. شۇەنزاڭ تاڭ تەيزوڭنىڭ تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە كاساياسىنى سېلىپ تاشلاپ راھىبلىقتىن قول ئۈزۈپ سىياسىي بىلەن شۇغۇللانماسلىغىدىكى 5 تۈرلۈك سەۋەبنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى تۈرلۈك سەۋەپلىرىدە تارىختا شىمال ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا ئۆتكەن مىللەتلەر مەسىلەن "شيوڭنۇ" قاتارلىق قەدىمىي مىللەتلەر ۋە جۇغراپىيىلىك ناملار تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
    ساۋاپ يولى چەكسىز تۈگىمەستۇر. ئەلنى ئىدارە قىلىش يولى رەھىم-شەپقەتلىك بولۇپ ئەل كۆڭلىنى ئۇتۇشتاتۇر. ئالىلىرىنىڭ شەپقەت سىياسىتى تەرەپ-تەرەپكە تارقالدى، شەرقتە دېڭىزدىكى كۈنچىقىش رايونلىرىدىن تارتىپ غەرپتە كۇئېنلۇندىن ھالقىدى. جەنۇپتا ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىغىچە،شىمالدا چۆل-باياۋانلارغىچە يېتىپ باردى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرى شۇنداقلا بارچە قىتئەلەردىكى يۈز-بەدەنلىرىگە گۈل چېكىۋالدىغانلار بولسۇن ياكى بۇرنىدا سۇ ئىچىدىغان خەلقلەر بولسۇن ۋە ياكى ئوت-چۆپتىن كىيىم كىيىدىغان ۋە كىيىمىنى سول تەرەپتى
      ئىزمىلاپ ئېتىدىغانلار بولسۇن ھەممىسى بوران-چاپقۇنغا قارىماستىن ئالىلىرىغا باش قويۇپ، چىن قەلبىدىن ئىتائەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ گەۋھەر-جاۋاھىراتلىرىنى تەقدىم قىلىپ،شەھەرلەرنى بايلىققا تولدۇردى. بۇ ئالىلىرىنىڭ ئەلگە مېھرىبان بولغانلىغىدىن بولدى. باشقىلارغا ھاجەت چۈشمىدى. بۇ ئۈچۈنچىسى. شيەنيۈنلارنىڭ مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولدى. قەدىمدە بەش پادىشاھ ئۇلارنى ئەل قىلالمىغان، ئۈچ خاقانمۇ ئۇلارنى بويسۇندۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن قودى ساچلىقلار فېڭ، خاۋ رايونلىرىغا بۆسۈپ كىردى، چاڭئەن قاتارلىق جايلار ئوق باشلىقلارنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بالا تېگىپ شيوڭنۇلارنىڭ ھەيۋىسى ئۆستى. يەن، جوۋ دەۋرلىرىگە كەلگەندىمۇ يەنىلا شيوڭنۇلارنى چېكىندۈرگىلى، جەڭ ئوتىنى پەسەيتكىلى بولمىدى. خەن ۋۇدى دەۋرىدە بارلىق قوشۇنلارنى توپلاپ شيوڭنۇلارغا جازا يۈرۈشى قىلدى. ۋېيچىڭ خو چۈبىڭلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارغا ئازراق زەخمەت يەتكۈزگەن بولسىمۇ شيوڭنۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن شيوڭنۇلارغا تاقابىل تۇرغىدەك بىرەر تەدبىر ئۇتتۇرىغا چىقىپ باقمىدى. ئالىلىرى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەتراپلىق تەدبىر تۈزۈپ، ئۇلارغا جازا يۈرۈش قىلىپ مەغلۇپ قىلدىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتىلا. خاۋخەي،يەنرەن قاتارلىق جايلار پۈتۈنلەي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ باشقۇرىشىغا  ئۆتتى. قاغان بىلەن ئۇنىڭ لاۋۇ-لەشكەر ئەل-قەۋملىرىنىڭ ھەممىسى بىزگە پۇقرا بولدى. ئەگەر بۇنى ۋەزىر-ۋۇزەرالارنىڭ تۆھپىسى دەيدىغان بولساق، يۈ، شيا سۇلالىرىدىن تارتىپ دانىشمەن ۋەزىرلەر قۇمدەك تولا ئىدى، لېكىن نېمە ئۈچۈن غەلىبە قازىنالمايدۇ؟ شۇڭا ئالىلىرى كەڭ قورساق رەھىمدىل بولسىلا ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولىدۇ، باشقىلارغا تايىنىشقىمۇ ھاجەت چۈشمەيدۇ، بۇ تۆرتىنچىسى.

    "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
    "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نى قەدىمقى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى سىڭقۇ سەلىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى ئاز. بىز ئۇ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"دىن ئۇنىڭ غەربىي يۇرت بەشبالىقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ توغرىلىق ئۇ "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 7- جىلدىنىڭ ئاخىرىدا (بېيجىڭ فاكسىمىلىنىڭ 23-بېتىنىڭ كەينى يۈزىدە) : "بەشبالىقلىق راھىپ سىڭقۇ سەلى تابغاچ تىلىدىن تۈرك تىلىغا ئۆرىگەن بۇدساتۋا تاڭ سەنزاڭ ھەزرەتلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ مېھرى-شەپقەت تەجىمىھالى بابىنىڭ 7-جىلدى تۈگىدى" دەپ يازغان.
    "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى" دىن باشقا سىڭقۇ سەلى يەنە خەنزۇچىدىن بۇددا دىنى ما***نا مەزھىبىنىڭ نومى "ئالتۇن يارۇق" نىڭ 10جىلدىنى تەرجىمە قىلغان.
    "ئالتۇن يارۇق"نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا سىڭقۇ سەلى "يەنە شەرقتىكى قۇتلۇق تاڭدىكى ما***نا ھىمايانا مەزھەبلىرىنىڭ
      بارلىق نوملىرىنى پىششىق بىلىدىغان بۇدساتۋا سەنزاڭ ھەزرەتلىرى ئەنەتكەك تىلىدىن تابغاچ تىلىغا تەرجىمە قىلدى. كېيىن بەشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ بۇ بۇلغانغان رەزىل دۇنيادا  يەنە تابغاچ تىلىدىن تۈرك-ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرىگەن نوملارنىڭ كاتتىسى-"ئالتۇن يارۇق" پۈتۈنلەي تامام بولدى" دەپ يازىدۇ. قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى" تەخمىنەن  
    1940-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە شىنجاڭدا تېپىلغان. ئۇزۇنلىغى 44 سانتېمىتېر، ئىگىزلىگى 18 سانتىمېتېر كېلىدۇ. بۇ ھۆججەت بايقالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى ئىلگىرى-كېيىن روسىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇنىڭ 94 ياپرىغى ھازىر روسىيە ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكت-پېتىربۇرگ شۆبىسىدە، 116 ياپرىغى فرانسىيە گۋىمى ئاسىيا سەنئەت بۇيۇملىرى موزېيىدا، قالغان 208 ياپرىغى بېيجىڭ كۈتۈپخانىسىدا (1951-يىلى بېيجىڭدا فاكسىمىلى نەشر قىلىنغان) ساقلاغلىق.
    سانكت-پېتىربۇرگ شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا ساقلاغلىق قىسمىنىڭ مەزمۇنى 5-،6-،8- ۋە 10-جىلدلارغا تەۋە.
    بۇلارنىڭ ئىچىدە، 6-جىلدنىڭ 42-،43-44-بەتلىرىدە مەزكۇر ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن تاڭ تەيزوڭ بىلەن شۇەنزاڭنىڭ پاراڭلىشىش جەريانىدا شۇەنزاڭ ئېيتقان 3- ۋە 4-سەۋەپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار.
    تۆۋەندە مۇئەللىپ ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ ئالاقىدار قىسمىنىڭ ترانسكرىپسىيىسى ،ماس كېلىدىغان ئەسلى خەنزۇچە تېكىستى ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى سۇنىدۇ:

    "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ ئۇيغۇرچە تەرقىمىسىدىكى "شيوڭنۇ" قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا دەسلەپكى تەھلىل
    "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ خەنزۇچە تېكىستى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئەسلى تېكىستنىڭ مەزمۇنىغا ئاز-تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ لېكىن خەنزۇچە تېكىستىكى مىللەت ۋە جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار ئىپادىلىگەن ئۇقۇملارنى توغرا چۈشەنگەن ھەمدە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە كونتېكىستقا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى بىلەن توغرا ئىپادىلىگەن. ئۇ خەنزۇچىدىكى "شيوڭنۇ" دېگەن سۆزنى تەرجىمە قىلغان چاغدا ئۇيغۇرچە سۆز بىرىكمىسى "تۈرك يوچۇل بودۇن" دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ سۆز بىرىكمىسى يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستىنىڭ مەزمۇنىدا ئىككى قېتىم ئۇچرايدۇ. روسىيىلىك ئالىم تۇگۇشېۋا " 'تۈرك يوچۇل بودۇن' تۇراقلىق مەنىگە ئىگە سۆز بىرىكمىسى بولۇپ، كۆچمەن تۈركلەر، ئەركىن تۈركلەر دېگەن مەنىدە" دەپ قارايدۇ.
    خەنزۇچە ئەسلى تېكىست بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، "تۈرك يوچۇل بودۇن"دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە "شيوڭنۇ" دېگەن سۆز بىلەن ماس كېلىدىغانلىغىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
    ئۇيغۇرچە سۆز بىرىكمىسى "تۈرك يوچۇل بودۇن" يەنە بىر ئۇيغۇرچە ھۆججەت "مايترىسىمىت نوم بىتىگ"نىڭ پارچىسىدا كۆرۈلىدۇ.
    تەرجىمان "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى"نىڭ 5-جىلدىنىڭ 87-ياپرىغىدا "تاۋغاچ تىلىندىن يەنە بىش بالىقلىغ شىنقۇ شەلى تۇتۇڭ تۈرك تىلىنچە ئەۋىرمىش" (مىەنىسى: تاۋغاچ تىلىدىن يەنە بەش بالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تۈرك تىلىغا ئۆرىدى) دەپ يازىدۇ. بۇ يەردە، تەرجىمان دەۋاتقان تۈرك تىلى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان ئەدەبىي تىلدۇر.
    يەنە شۇ تەرجىمان ئۆزى تەرجىمە قىلغان يەنە بىر بۇددا نومى"ئالتۇن يارۇق" (سۇۋارناپراباسا) تا، ئۇيغۇرچە تەرجىمە 10-جىلدنىڭ كىرىش قىسمىدا "بىش بالىقلىق شىنقۇ شەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىندىن تۈرك-ئۇيغۇر تىلىنچە ئىكىلەيۈ ئەۋىرمىش" (مەنىسى : يەنە بەش بالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىدىن تۈرك-ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرىدى) دەپ يازسا، يەنە "شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى" نىڭ 5-جىلدىدىكى خەنزۇچە تېكىست ” “
    亦睹货罗故地。风俗大同突厥دېگەن جۈملىنى "ئول بالىق يەمە توخرىلارنىڭ سوكى يىرى تىتىر: تۆرۈسى توقۇسى بارچە تۈرك بىرلە بىر ئەرىپ" (مەنىسى: ئول شەھەر توخرىلارنىڭ ماكانىدۇر. ئۆرپ-ئادىتى بارچە تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاش) دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بۇ يەردە سىڭقۇ سەلى خەنزۇچىدىكى “突厥
    ”دېگەن سۆزنى "تۈرك" دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرجىمە قىلغان چاغدا ئۆزىنىڭ تىلىنى "تۈرك تىلى" ياكى "تۈرك-ئۇيغۇر تىلى" دەپ ئاتايدۇ. "جوۋنامە" نىڭ 50-جىلدىنىڭ "تۈركلەر تەزكىرىسى"دېگەن قىسمىدا "تۈركلەر ھۇنلارنىڭ بىر خىلى، ئاشىنا ئۇرۇغىدىن، ئايرىم قەبىلە" دەپ يېزىلسا، "يېڭى تاڭنامە"دە: "ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھۇنلاردۇر" دەپ يېزىلىدۇ. "سېفېڭ يۇەنگۇي" دە: "ئۇيغۇارلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادىدۇر" دەپ يېزىلىدۇ.
    تۈركلەر توغرىسىدا "يېڭى تاڭنامە"دە: "تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇغى قەدىمقى ھۇنلارنىڭ شىمالى ئۇرۇغىدۇر"
      دېگەن خاتىرىلەر بار.
    ۋاڭ گوۋېينىڭ تەتقىق قىلىشىچە، خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى "شيوڭنۇ" ۋە "شيەنيۈن"دېگەن ئىككى سۆز ئوخشاش مەنىدە بولۇپ، "شيەنيۈن" خەنزۇچە تارىخنامىلەردە يەنە "شيوڭنۇ"لارنىمۇ كۆرسىتىدىكەن. لېكىن سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى "شيوڭنۇ" "تۈرك يوچۇل بودۇن" (كۆچمەن تۈركلەر) دەپ، "شيەنيۈن" بولسا "تۇمشۇقلۇغ، تارماقلىغ" (تۇمشۇقلۇق، تىرناقلىق) دەپ تەرجىمە قىلىنغان.
    مەسىلەن تەرجىمان “
    中国陵迟,匈奴得志”دېگەننى: "ئورتۇن ئىل ئۇلۇش...كسىز باسىنچ-لىغ بولتى: تۈرك يوچۇل بودۇن ئەرتىڭۈ ئايام-لىغ بولتى" (مەنىسى: ئوتتۇرا خانلىقلار پۈتۈنلەي ئۇلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى، شيوڭنۇلار ئالىي مەرتىۋىگە ئىگە بولدى" دەپ؛“猃狁为患,其来自久
    ”نى "بۇ تاۋغاچ ئىلى تۇمشۇقلۇغقا سوقتۇرغالى تارماقلىغقا تارتدۇرغالى ئۈركىچ بولمىش ئەردى"(مەنىسى:تاڭ سۇلالىسىنى شيەنيۈنلەرنىڭ بوزەك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن زامانلار بولغان ئىدى" ) دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.
    خەنزۇچە مەتنى بىلەن ئۇيغۇرچە مەتنىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېنىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خەنزۇچە مەتنىدە خاتىرىلەنگەن "شيوڭنۇ" بىلەن "شيەنيۈن" ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇملار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن پەرقلىق بولۇپ، بۇ نۇقتا توغرىسىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

    قەدىمقى تۈرك تىلىدىكى مەڭگۈ تاشلاردا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان "تۈرك" دېگەن سۆز خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى“突厥” دېگەن سۆزگە باراۋەر كېلىدۇ. مەسىلەن تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدا مۇنداق سۆزلەر بار: "بىلگە تونيۇقۇق بەن ئۆزۈم تابغاچ ئىلىڭە قىلىنتىم، تۈرك بودۇن تابغاچقا كۆرۈر ئەرتى..." (مەن بىلگە تونيۇقۇق تاڭ دۆلىتىدە تەربىيە ئالدىم، بۇ چاغدا تۈرك خەلقى تاڭ سۇلالىسىگە قارايتتى.) قەدىمقى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدىكى "تۈرك بودۇن" دېگەن سۆزنىڭ "تۈرك خەلقى"دېگەن تۇراقلىق مەنىسى بار.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • تېرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن!<<ئۇلانما تورى>>دا كۆرسىتىش كودىنى بلوگىڭىزغا قىستۇرۇپ، مۇشۇنداق نادىر تېمىلىرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
    ھونزادە 回复مۇئەللىم说:
    رەھمەت سىزگە،يەنىمۇ تىرىشىمەن.بىلوگىمنىڭ بۇنچىلىك نەتىنجىگە ئىرىشىشىدە سىزنىڭمۇ ئەجرىڭىز كۆپ.
    2011-05-06 19:44:39

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر