كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-23

    ئىنقىلاب رەھبىرى يىتىملارنىڭ غەمگۈزارى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    گومىنداڭغا قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلى دارىلتام ( يىتىم بالىلارنى بېقىش ، تەربىيەلەش ئورنى ) ۋە ئىلى دارىلئاجىزىن ( ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى )  قۇرۇلدى . ( ئورنى ھازىرقى دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ قورۇ ئىچىدە ئىدى )
    49 - ، 50 – يىللىرى مەن شۇ دارىلتامدا تەربىيىچى بولۇپ ئىشلىدىم . يېڭىلا قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولسىمۇ ، دارىلتام قۇرۇلۇشىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلدى . ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ، جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ھەم قوللاپ يار – يۆلەك بولۇشى بىلەن دارىلتامدىكى يېتىم – يېسىرلار جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم ئائىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى .
    دارىلتامدىكى بالىلار بەش ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان جەمىئىيەتتىكى يېتىم – يېسىرلار ۋ ھەربىيلەرنىڭ ئىنقىلابتا يېتىم قالغان پەرزەنتلىرى ئىدى . ئۇلار ناھىيە ، يېزا ۋە مەھەللىلەردىن ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى ئورگانلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، تەربىيلىنىپ ، يېشى توشقانلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىناتتى . دارىلتامنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يېرىم ھەربىيلەشكەن تۈزۈم بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى ، شارائىتىمۇ ھەربىيلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىمتىيازلارغا لايىقلاشقان ئىدى .
    ھەر كۈنى ئەتتىگەن تاماقتىن كېيىن بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتكەنلىرى بىرخىل ، رەتلىك ، كىيىملىرى بىلەن سەپكە تىزىلىپ كوماندا بېرىلىش بىلەن تەڭ مەشىققە دەسسەپ ( مەكتىپى سىرتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ) دارىلتام دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، كېيىن كوماندا بويىچە سىنىپلارغا بۆلۈنۈپ كېتەتتى . دەرستىن چۈشكەندىمۇ شۇ بويىچە ياتاقلىرىغا تارقىلاتتى ياكى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە ماشىنىچىلىق ، ياغاچچىلىق ، سېستىرالىق ، تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ باراتتى . ئىختىيارى دەم ئېلىش پائالىيەتلىرىن ئېلىپ باراتتى . بەزىدە شۇ ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزەتتى . گەرچە بالىلارنىڭ تامىقى ، كىيىم – كېچىكى مۇنتىزىم ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭكىدەك يېتەرلىك بولسىمۇ يېتىم – يېسىرلار ئوقۇيدىغان سىنىپ ، پارتا مەسىلىلىرى دارىلتامنىڭ بىرلا ياتاق بىناسى بولغانلىقى ئۈچۈن تولۇق ھەل بولمىغان ئىدى . بۇ قىيىنچىلىقلار ئاخىرى يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى « مۇرات مەكتەپ » ( ھازىرقى 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ) نىڭ مۇدىرى قۇربانجان نىزام ۋە مەكتەپتىكى بالىق ئوقۇتقۇچى يولداشلارنىڭ ، مەكتەپ ئاتىلار كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ھەل قىلىندى . يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي قىسىمدىكى تۇرسۇن ۋاھىدى بىەن پىراپورچىك تۇرسۇن دەريا ئۆزلۈكىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ بالىلارغا تەنتەربىيە مەشىقلىرىنى ئۈگىتەتتى .
    پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئىبراھىم ئەپەندى ( ئىبراھىم ماشىنىچى ) بالىلارغا سەنئەت نومۇرلىرى ۋە بىر قىسىم سېرىك نومۇرلىرىنى ئۈگىتەتتى . ھېيت – بايرام ، خاتىرە كۈنلىرىدىكى كونسېرت كېچىلىكلىرىگە قاتناشتۇراتتى ، يېتەكچىلىك قىلاتتى . بۇندىن باشقا خەلق ئىچىدىكى تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن ئۇلارغا خەير – ئېھسان ئورنىدا قوي ، كالا ، گۈرۈچ ، ماي ، نەق پۇل ، توپ – توپ رەخت ، كىيىم – كېچەكلەر كېلىپ تۇراتتى .
    كېيىنكى يىللاردا ئوغۇللارغا سۈپىتى ياخشى ئاق رەخىتتىن بىر يۈرۈش قىلىپ ماتروسچە كىيىم ، بېشىغا زەر يىپ بىلەن خەت يېزىلغان ماتروس شەپكىسى ، قىزلارغا كوپتا – يوپكا ۋە ئوخشاش قىلىپ باش كىيىم تىكتۈرۈپ بېرىلدى . بالىلار بۇ كىيىملەرنى كېيىپ تىزىلىپ ماڭسا ھەممىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى .
    ھېيىت – بايرام كۈنلىرى دارىلتامدىكى بالىلار تېخىمۇ جانلىنىپ كېتەتتى . بەك ئەتىگەن تۇرۇپ تەق بولۇشاتتى . چۈنكى بۇ كۈنى شەپقەتچى ئاتىسى ئەخمەتجان قاسىمى كېلەتتى . ئۇ بالىلارنى ئەركىلىتىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتەتتى ۋە ئۇلاردىن « بالام ، سەن چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسەن ؟ دوختۇر بولامسەن ؟ ئېنژىنىر بولامسەن ؟ ياكى ليۇدچىك بولۇپ ئايرۇپىلان ھەيدەمسەن ؟ سەنچۇ ؟ تانكا ھەيدەمسەن ؟ ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ بالىلارنى ئوقۇتامسەن ؟ » دەپ سورايتتى . بالىلار بەس – بەستە چۇرقىرىشىپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن ، « ھوي – ھوي ، مانا – مانا بىزدىن تېخى ھەربىي ئالىملارمۇ ، مۇتەخەسىسلەرمۇ ، گېنېراللارمۇ چىقىدىكەن تېخى !.. » دەپ كىچىك بالىلاردەك خوش بولۇپ كېتەتتى . كەلگۈسىنىڭ ھەر بىر ئىستىقباللىق ئەزىمەتلىرىدىن ھېسابسىز ئۇمىتلەرنى كۈتەتتى .
    1949 – يىلى ياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كەچقۇرۇنلۇقى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇپ ، قىزغۇچ شەپەق نۇرى ۋە ئوچۇق ھاۋا ، سالقىن شامال جانغا ھوزۇر بېغىشلايتتى . دارىلتامنىڭ دەرۋازىسىدىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئارغىماق ئېتى قوشۇلغان تىراشبانكا ھارۋىسىدا چىراىىدىن خۇش تەبەسسۇم تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۈچ كىشى كىرىپ كەلدى . ھارۋىكەش بېشىغا ئالما چېچىكى گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كەيگەن كىشى ئىدى . مېھامانلار ھارۋىدىن چۈشۈپ ئاتنى باغلايدىغان چاغدا ھارۋىكەش بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنى « مەن باغلاي » دېسە ، « مەن باغلاي » دەپ تالاش – تارتىش بولۇپ كەتتى .  گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق كىشى « ھارۋىكەش ئۆزى باغلايدۇ » دېسە ، مەن « ساھىپخان مېھماننىڭ ئېتىنى ئالىدۇ » دەپ تالىشاتتىم . توغرىسى ئاتنى ساھىپخانغا باغلىتىش ھېچقانچە ئوڭايسىزلانغىدەك ئىش بولمىسىمۇ يارىشىملىق گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كىيگەن بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ چىرايىدىن ئېتىنى دارىلتامدىكى مېھنەتكەش تەربىيەچىلەرگە باغلىتىش سەل ئەدەپسىزلىكتەك بىلىنىۋاتقانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى . ئۇنداقتا ساھىپخاننىمۇ تەڭقىسلىقتا قويۇپ قويىۋاتقان بۇ گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق ئادەم كىم ؟ ئۇ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېدارلىشىشقا تەقاززا بولىۋاتقان سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى .
    ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق مېھمانلار بالىلارنىڭ ياتاقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى . ئۇلار كىشىنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ ، ئامراقلىقىنى كەلتۈرگىدەك پاكىزە ، رەتلىك ياتاقلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ، سۆيۈنۈپ كېتىشتى . بالىلار ھويلىدا تاماق يەۋاتقاندا ، ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار بىلەن خالىراق يەردە سۆھبەتتە بولدۇق .
    ئەخمەتجان قاسىمى دارىلتامنىڭ باشلىقى قاسىم مۇسايوفتىن : بېشىدا چاقىسى بار بالىلارنىڭ يارىسىنى قانداق داۋالاۋاتىسىلەر ؟ - دەپ سورىدى .
    - ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرى بىر خىل يەرلىك دورىنى بالىلارنىڭ بېشىغا سۈركەپ داكا بىلەن ئوراپ تېڭىپ ، ھەپتە ئۆتكەندە ئالماشتۇرۇپ داۋالاۋاتىدۇ . ئۈنۇمى يامان ئەمەس ، - دەپ جاۋاپ بەردى قاسىم مۇسايوف .
    - بايقاڭلار ، دورا بالىلارنىڭ « كۆز » ئىگە دەخلى قىلمىسۇن يەنە ! – دېدى ئابباسوف ، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى . ئابدۇكېرىم ئابباسوف گەپ ئارىلىقىدا سۆزنى ماھىرلىق بىلەن چاقچاققا بۇراپ ، ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سەل – پەل قىيسىقراق بىر كۆزىنى چېقىۋالغان ئىدى .
    - راست بايقاڭلار « كىچىك بالا » ئەمەسمۇ ، « قولى » بىلەن تاتىلىۋەتمىسۇن !... دېدى ھازىر جاۋاپلىق بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى . توغرىسى بۇ چاقچاقمۇ « بىر قاققا بىر قاق » دېگەندەك دەل جايىغا تەككەن ئىدى . ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق . ئەخمەت ئەپەندىم ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ياشتا كىچىكلىكىنى « كىچىك بالا » غا ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەيىبناق بارمىقىنى شۇ « كىچىك بالا » نىڭ جىم تۇرماس « قولى » غا ئوخشىتىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش مەقسىدىگە يەتكەن ئىدى . بىردەم يېرىمدەم ئەنە شۇنداق ئىلمىي ئەمما قىزىق چاقچاقلار بولۇپ ئۆتتى . ئەخمەت ئەپەندىم قايتىدىغان چاغدا مېنىڭ قولۇمغا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ سوملۇق قەغەز پۇلىدىن يۈز پارچىنى ( پېچەتلەنگەن ) تۇتقۇزدى :
    - ئەتە ھېيت ئىكەن . مېنىڭ مۇھىم ئىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنى يوقلاپ كېلەلمەيدىغان ئوخشايمەن . بۇ مېنىڭ بالىلارغا ھېيتلىقىم بولسۇن تارقىتىپ بېرەرسىزلەر !.... دېدى .
    بىز بىرقانچە بالىلار بىلەن ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئۇزۇتۇپ دەرۋازا تۈۋىگە چىقتۇق . بۇ  كۈننىڭ قاندەك قىزارغان ھاياجانلىق پەيتى ئىدى . تىراشبانكا ھارۋا ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئېلىپ بىردەملىك قىزغىن سۆھبەتلەرنى مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھېكايىگە ئايلاندۇرپ ئۇزاپ كەتتى . بىز دەرۋازا ئالدىدا ئەخمەت ئەپەندىملەر يەنە قاچان كېلەر دېگەنلەرنى كۆڭلىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ ، خېلى ئۇزۇنلارغىچە ئۇلار ئۇزاپ كەتكەن يولغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇردۇق .
       ئېھ ........ ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى .......!
    سىزنىڭ شۇ قېتىمقى ئۆز بالىلىرىڭىزنى يوقلاپ كېلىشىڭىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ ئاداققى خوشلۇشۇش بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان ، شۇ سەبىيلەر ئۆزىنىڭ شەپقەتچىسى ، ئىنقىلابىي رەھبىرى بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشقانلىقىنى قانداقمۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن !؟ ..........
    « ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى » نىڭ  10 – ساندىكى « كىشىلىك ھايات كىتابقىلا ئوخشايدۇ » ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .
    بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى : ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ، ئەكبەر قادىر  .
    سۆزلەپ بەرگۈچى ئاسىم مەسۇم ئىمىنوف .

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر