كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-12-23

    «ئالتۇن دۆلىتى»نى ئىزدەش - [دۇنيا تارىخى]

    ليۇشاۋ

    كولومبو ئامىرىكا قىتئەسىنى تاپقاندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قەدىمى دەرھاللا جەنۇبىي ئامىرىكىغا يىتىدۇ. تەخمىنەن 1530-يىلى ئەتىراپىدا جەنۇبىي ئامىرىكىدا تارقالغان بىر رىۋايەت ئۇ يەردىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قېتىم نەپسانىيەتچىلىك دولقۇنىنى قوزغىۋىتىدۇ.

    رىۋايەتتە جەنۇبىي ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاموزۇن يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا بىر «ئالتۇن دۆلىتى»نىڭ بارلىقى،«ئالتۇن دۆلىتى»نىڭ يېڭى پادىشاھى تەخىتكە چىقىشتىن بۇرۇن تاغ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ بىر مەزگىل «ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇپ»،تۇز ۋە مۇچتىن پەرھىز قىلدىغانلىقى،ئاياللارغا يېقىن يولىمايدىغانلىقى،قۇياش نۇرىدىن يىراق تۇردىغانلىقى،«ئىستىقامەت» تۈگىگەندىن كېيىن كۆل بويىغا بېرىپ،ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ،نۇرغۇن كىشلەر بىلەن بىللە كېمىگە چىقىدىغانلىقى،كېمىگە لىق ئالتۇن قاچىلىندىغانلىقى،پادىشاھنىڭ ئۈستىۋېشىغىمۇ ئالتۇن چاچقۇ چېچىلدىغانلىقى، پادىشاھنىڭ كۆلىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈشتىۋېشىدىكى ئالتۇن چاچقۇلارنى يۇيۇپ تاشلايدىغانلىقى ھەم كېمىدىكى ئالتۇنلارنى كۆلگە تۈكۈۋىتىدىغانلىقى،بۇ مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پادىشاھنىڭ رەسمىي تەخىتكە چىققان ھىساپلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەنىدى.

    مۇستەملىكىچىلەر جەنۇبىي ئامىرىكىغا كەلگەن چاغلاردا بۇنداق مۇراسىم يوق ئىدى.بىراق،مۇستەملىكىچىلەر «ئالتۇن دۆلىتى» دىگەن گەپنى ئاڭلىشى بىلەن نەپسىنى باسالماي قالىدۇ.1531-يىلى مادىنىس ئىسىملىك بىر ئېكىسپىدىيىچى ئۆزىنىڭ «ئالتۇن دۆلىتى»گە بارغانلىقى ھەم«ئالتۇن دۆلىتى»نىڭ پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.گىسپانو پىسارو ئىسىملىك بىر مۇستەملىكىچى بۇلۇپ،ئۇ گۇتاۋىتا كۆلى بويىدىكى «ئالتۇن دۆلىتى»نى تېپىشقا قەتئىي بەل باغلايدۇ.1531-يىلى گىسانو پىسارو ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى فىرانسىسكو پىسارو تۇلۇق قوراللانغان 180 كىشلىك ئېكىسپىدىيىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ پېروغا كېلىپ،ئىنكانىڭ پادىشاھى ئاتاۋاربا بىلەن كۆرۈشمەكچى بۇلىدۇ.1531-يىلى 4-ئايدا پىسارو بىلەن ئىنكا پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى كاخاماكا شەھرىدە كۆرۈشۈشكە پۈتۈشىدۇ.11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىنكا پادىشاھى ئاتاۋاربا 5000 ئەسكەرنى باشلاپ كۆرۈشىدىغان جايغا كىلىدۇ.پىسارونىڭ ئىنكا پادىشاھىغا قويغان خىرىستىئان دىنىغا كىرىش ۋە ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىتائەت قىلىش تەلىۋى كەسكىن رەت قىلىنىدۇ.سۆھبەت بىر ھازا داۋام قىلغاندىن كېيىن،فىرانسىسكو پىسارو بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،بىر يولىلا 2000 ئىنكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ،ئاتاۋاربانى ئەسىرگە ئېلۋالىدۇ.فىرانسىسكو پىسارو ئىنكا پۇقرالىرىغا ئۆزلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن ئۆينىڭ ئىچىنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن توشقۇزۇپ بەرسە،ئۇلارنىڭ پادىشاھىنى قۇيىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.ئىنكالار كىلىشكىنى بويىنچە ئالتۇن،كۈمۈش تاپشۇرغان بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ پادىشاھى 1533-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى پىسارو تەرپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن،پىسارو ئاكا-ئۇكا ئىنكا ئىمپىريىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ،ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قەدىمىي ئىمپىريىنى ئۈزۈل-كېسىل بويسۇندۇرىدۇ.ئىندىئانلارنىڭ بۇ ئىمپىريىسى شۇنىڭ بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن يوقايدۇ.

    1541-يىلى گىسانو پىسارو رىۋايەتلەردىكى«ئالتۇن دۆلىتى»نى ئىزدەش ئۈچۈن ئەسكەر توپلاپ،ئات سېتىۋېلىپ،قوراللىق ئېكىسپىدىيىگە تەييارلىنىدۇ.1541- يىلى 2-ئايدا گىسانو پىسارو 220 نەپەر تۇلۇق قوراللانغان ئىسپانىيىلىك ھەم 4000 نەپەر يەرلىك ئامىرىكىلىقنى باشلاپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار ئاندىس تاغ تىزمىسىدىن ئۈتۈپ،ئامازون دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان گوگ دەرياسى ۋە ناپو دەرياسىنى بويلاپ ماڭغان بولسىمۇ،«ئالتۇن دۆلىتى»نى تاپالمايدۇ. ئادەمزاتنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان،يىمەكلىك تېپىپ يىيىش تېخىمۇ مۈشكۈل بولغان قەدىمىي ئورمانلىقتا ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى ئېغىر ھالاكەتكە دۈچ كىلىپ،140ئىسپانىيىلىك ۋە 3000 ئامرىكىلىق ئېچىنىشلىق ھالدا ئۈلۈپ كىتىدۇ.گىسانو پىسارو بىر ياردەمچىسىنى 50 ئادەمنى باشلاپ نابو دەرياسىنى بويلاپ داۋاملىق مېڭىپ،يىمەكلىك تېپىشقا بۇيرۇيدۇ.ئەمما ئۇلار كىتىپ تۇرشىغىلا،گىسانو پىسارو بۇ قېتىمقى ئېكىسپىدىيىدىن ۋاز كىچىپ قايتىپ كىتىدۇ،نەتىنجىدە ئۇنىڭ ھېلىقى ياردەمچىسى پۈتكۈل ئامازون دەرياسىنى بېسىپ ئۈتۈپ،دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ،كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان جۇغراپىيىلىك بايقاشنى تاماملايدۇ.

    شۇنىڭدىن كىيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە،جەنۇبىي ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرسىدىكى «ئالتۇن دۆلىتى»نى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.مۇستەملىكىچىلەر ئاخىر رىۋايەتلەردىكى گۇتاۋىتا كۆلىنى تاپىدۇ.1545-يىلى ئىسپانىيىلىكلەردىن تەشكىللەنگەن گۆھەر ئىزدەش ئەتىرىتى گۇتاۋىتا كۆلىنىڭ ئاستىدىن نەچچە يۈز ئالتۇن بۇيۇم تاپىدۇ،بىراق «ئالتۇن دۆلىتى» توغرىسىدا ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىرىشەلمەيدۇ.1595-يىلى ئەنگىليىلىك ۋورد لول گىيانا ئولنوك دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى پالما كۆلىنىڭ مەركىزىدىن بىر شەھەرنى تاپىدۇ.بۇ دەل رىۋايەتلەردىكى ئالتۇن دۆلىتى ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىنكى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا، ئىنگىلىز تىلىدىكى خەرىتىلەردە پالما كۆلىنىڭ مەركىزى «ئالتۇن دۆلىتى» دىگەن جاينى بىلدۈردىغان بەلگە سۈپىتىدە تاكى گىرمانىيىلىك بىر تەبىئەتشۇناس ئۆزى يىپ ئۇچى ئىزدەپ،ئۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بايقىغۇچە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ.

    ھېلىقى ئالتۇن كۆلىنىڭ بايلىقىمۇ پەقەت بىر كۈنلا جۇلالىنىدۇ.1911-يىلى ئەنگىليىنىڭ مەلۇم بىر شىركىتى كۆل بويىغا لەخمە قىزىپ،كۆلنىڭ سۈيىنى تارتىپ چىقىرىدۇ،قۇياش نۇرى ناھايتى تىزلا كۆل ئاستىدىكى لايلارنى قاتۇرۇپ، قېلىن لاي قاتلىمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر ياۋروپادىن ئۈسكۈنە ئەكىلىپ قېزىشنى باشلىغۇچە كۆل يەنىلا سۇغا تۇشۇپ كىتىدۇ.

    1974-يىلىدىن باشلاپ كولۇمبىيە ھۆكۈمىتى گۇتاۋىتا كۆلىنى قوغداشقا ئەسكەر ئەۋەتىپ،گۆھەر ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن «ئالتۇن دۆلىتى»دىكى بايلىقلارمۇ كىشلەرنىڭ ئۆز سىرىنى ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بۇلىدۇ.

    مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى     2007-يىل 10-سان


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • يېڭى ئۇسلۇبىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم. بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
    ھونزادە 回复چەۋەنداز说:
    رەھمەت قېرىندىشىم،سىزگىمۇ ئۇتۇقلار يار بولسۇن،مۇشۇ كۈنلەردە بەك ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم كەچۈرۈڭ.
    2011-02-06 02:04:31
  • [dAva:2]ياخشى بىلىملەرنى يوللاۋاتىسىز. يازمىلىرىڭىز ئۆزۈلۈپ قالمىسۇن. ئىنشىئاللا.
    ھونزادە 回复مۇئەللىم说:
    ماختىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر،سىز ئېيتىقاندەك تېخىمۇ تىرىشىمەن.
    2010-12-26 16:43:50

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر