كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!

پرېستان: بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇننى يازسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇنى مەلۇم تور بېتىگە ئۇلىنىش قىلالايسىز.

  • 15 – سېنتەبىر
    بۇرۇن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار جوڭگونىڭ مەمۇرى ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ياۋروپا ئەللىرىنى ئۈلگە قىلىپ تەشكىللەنگەن، ئۇلاردىمۇ تەپتىش ئورۇنلىرى بار، سوت ئورۇنلىرىمۇ ئاجايىپ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغاندى . ئەمما بۇ قاراشلارغا قارىغاندا، سېنكوۋىسكى ئەپەندىنىڭ جوڭگولۇقلارمۇ پارىسلار ۋە تۈركلەرگە ئوخشاشلا ئاسىيالىقلار ، شۇڭا ئۇلاردا تەپتىش، سوت ئورگانلىرى بار دېيىلگەندىمۇ ئۆزلىرىنىڭ كىتاپلىرىدىلا بولۇشى مۇمكىن

  • 22 –ئاۋغۇست
    بۇ يۇرتتىكى نانلار بىزنىڭ نانلىرىمىزدىن ئاقىراق كېلىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى بۇ يەردىكىلەر بۇغداينى نەمدەپ بولغاندىن كېيىن ئۇن تارتىدۇ . ئەمما بۇنداق ئۇندا يېقىلغان نانلار ئاسان قۇرۇپ قېلىپ قېتىپ كېتىدۇ . بۇ يەردىكى خەنزۇ تۈگمەنلىرىگە ئات ، قېچىرلار قوشۇلىدۇ . بەزىدە سۇ تۈگمەنلىرىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ ، ئەمما بىزلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ .

  • 9 – ئاۋغۇست
    كالىنوۋىسكى ( 1856 – يىلى غۇلجىدىكى رۇس كونسۇلىنىڭ كاتىپى بولغان كىشى ) « ئاقسۇغا بارغىنىمدا بىر خەنزۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم » دېگەندى . ئۇنىڭ خاتىرىسىدە « يۈەن سۇلالىسى تارىخلىرىدا موڭغۇللار قىپچاقلارنىڭ يۇرتلىرىنى بويسۇندۇرغان ، دېيلگەن ، ئۇنداقتا يۈەن سۇلالىسىنىڭ بويسۇندۇرغان يۇرتلىرىنىڭ بىرى جەنۇبتىكى يەتتە شەھەرنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ شەھىىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق » دەپ يېزىلغان . بۈگۈن چۈشلۈك تامىقىمىزدا بېلىق يىدۇق .

  • ( 1856 – يىلىدىكى غۇلجىغا قىلغان سەپىرىمدىن خاتىرە )
    چوقان ۋەلىخانوف ( روسىيە )

    1856 – يىلى 1 – ئاۋغۇست
    جوڭگونىڭ بوروخوجىر چېگرا قاراۋۇلخانىسى –
    مەلۇم ئىش تۈپەيلىدىن جوڭگو تەرەپكە ئۆتۈشكە توغرا كەلدى . قاپال شەھىرىدىن يولغا چىقىپ تاتارىنوفنىڭ ئۆيىدە ھەمراھلىرىمنى كۈتۈۋاتقىنىمغا بۈگۈن ئالتە كۈن بولدى . پۈتۈن ئالاتاۋا ۋادىسىدىكى داۋانلار ئىچىدە سانتاس داۋىنىدىن قالسىلا بىز ئۆتىدىغان مۇشۇ ئۇيگېنتاس ( تاش دۆۋىسى دېگەنلىك ) داۋىنى ئۆتۈش بىر ئاز قولايراق داۋان ھېسابلىنىدۇ .

  • دېمەك، ھاجى نۇر ھاجىنىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىنىڭ 47-، 109-، 145-، 187-، 188-، 191- ۋە 236- بەتلىرىدە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹قەشقەر تارىخى› » دېگەن ئىستاتا ئىشلىتىلگەن. يەنە شۇ ئەسەرنىڭ 149-، 184-، 185- بەتلىرىدە «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېگەن ئىستاتا ئىشلىتىلىپ، 149- بەتتىكى ئىستاتىدا «1985- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» دېگەن تەپسىلىي ئىزاھ بېرىلگەن بولسا، 184-، 185- بەتلەردە پەقەت «موللا مىرسالىھ كاشغەرىي: ‹چىڭگىزنامە› » دېيىلگەن.

  • مۇئەللىپ ئەسىرىدە ئۆز مۇددىئاسىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە كىرىش سۆز قىسمىدا تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: «جانابىي ئاللاھ دەرگاھىغا چەكسىز ھەمدۇسانا، تەشەككۈر، مەدھىيە يەتكۈزۈپ ۋە ئۇلۇغ، شانلىق پەيغەمبىرىمىزگە رەھمەت، سالام يوللىغاندىن كېيىن، جانابىي ئاللاھنىڭ كۈچلۈك، توغرا رەھمىتىگە تايىنىپ، مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ خاتالىقىمنى كۆچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، قەشقەرنىڭ تارىخى ۋە ئاجايىپ- غارايىپلىرى ھەققىغا بېغىشلانغان بۇ كىتابنى يېزىشقا ۋە نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا جۈرئەت قىلدىم.

  • ئەلى غوپۇر 

      مۇقەددىمە

    قەشقەر يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن بۇيان يىراق يېقىندىكى ئەللەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ زور دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تۇپراقتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ۋە بۇ زېمىننىڭ ئاجايىپ- غارايىپلىرىغا مەستانە بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ

  • 4. ما جۇڭيىڭنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشكە بولامدۇ؟


      ما جۇڭيىڭنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشكە بولامدۇ - يوق؟ ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشىدە تېخىمۇ باشقىچەرەك سەۋەبمۇ بارمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ما جۇڭيىڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

    ما جۇڭيىڭ يېڭى ئىش باشلىغاندا ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئەمەس،